قەدرىمنى بىلەرسەن قەدرىم ئۆتكەندە
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
شۇنچىلىك كۆيسەممۇ بىلمىدىڭ يارىم،
ئىزدەيسەن يىنىڭدىن ئىزىم ئۆچكەندە.
تەقەززا بولغاندا پەرۋا قىلمىساڭ،
قەدرىمنى بىلەرسەن قەدرىم ئۆتكەندە.
بىر كۈنى كۆيەرسەن مەندىن باشقىغا،
تۈلكىلەر ياخشى دەپ سېنى كۈتكەندە.
ئازار يەپ يىغلىساڭ شۇلاردىن سەنمۇ،
قەدرىمنى بىلەرسەن قەدرىم ئۆتكەندە.
يامانىڭ ئوتىلىرى ئۇندىن ياماندۇر،
تىگىگە يىتەرسەن ئازاپ يۈتكەندە.
بىلىپ قوي ئەي جانان كۆيگەنلىرىمنى،
قەدرىمنى بىلەرسەن قەدىرىم ئۆتكەندە.
2015-يىلى8-ئاينىڭ3-كۈنى
172 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-7 10:20:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|