ھەدەڭ سىڭلىڭ يوقمىدۇ سېنىڭ
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
يامان دەيسەن قىزلارنى دائىم،
ئىغىزىڭىزدىن چۈشۈرمەي شۇنداق.
بىر تاياقتا ھەيدەپ ھەممىنى،
سەن تۇغقانمۇ قىزلارنى قانداق.
ھالاك قىلىپ شەرمى-ھايانى،
خاتا يولغا باشلايسەن ئۆزۈڭ.
قان يىغلىتىپ قويۇپ ھەسرەتكە،
قانداق چىدار سىنىڭ شۇ يۈزۈڭ.
ئاجىز بولغان گۇناھ ئەمەستۇر،
مەڭگۈ يىغلاپ ئۆتمەيدۇ ھەرگىز.
ئاي ئوتتۇزى بولمايدۇ يورۇق،
يىغلاتساڭ تۆلەيسەن قەرىز.
يامان دەيسەن قىزلارنى دائىم،
ئايال تۇغماي سېنى كىم تۇغقان؟
تۈن كىچىدە بۈشۈك تەۋرىتىپ،
ئايال باقماي سېنى كىم باققان؟
مۇشۇ يەرگە بولسۇن ئەركەكلە،
توختاپ قالسۇن قەلىمىم مىنىڭ.
قىز يىغلاتقان ئەركەكتىن سوراي،
ھەدەڭ سىڭلىڭ يوقمىدۇ سېنىڭ ؟
2015-8-17
315 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-18 8:21:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-18 18:38:29 | ھەبىبە |
ياخشى يىزىپسىز،،تىخىمۇ تىرشىڭ،، |
2015-8-18 13:09:00 | gul |
bu xeer nahayiti yahxe yiz lip tu |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|