ئۇيغۇرۇم قىزى
ئابدۇرازاق شەمئى
يار تۇرۇپ ئىشقىدا ئەيلىدىم ناۋا،
ھەق ئەمەس بۇ قىسمەت ماڭا پەتىۋا.
رىسال يوق سېنىڭدەك قەلبىمگە شىپا،
كۈلكەمگە غەم قوشقان ئۇيغۇرۇم قىزى.
شامالدا يەلپۈنسە قاپقارا ساچىڭ،
كۈلكەڭگە ئارىلاش يېقىملىق نازىڭ.
بۇ رىشتىم باغلانغان ئەقىدەمگە چىڭ،
قاراقاشلىق ئۇز جەپ ئۇيغۇرۇم قىزى.
چېچەك ئاچسا مەڭزىڭدە گوياكى ئانار،
ئوتقاش كەبى لىۋىڭدە گىلاسنىڭ يۈزى.
نۇر سورايدۇ كىرپىكىڭ قاشلىرىڭ قارا،
دىماقلارنى مەست قىلغان ئۇيغۇرۇم قىزى.
2017.4.19
ئاپتور: قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى گۈزەل - سەنەت ئىنستىتۇت ئوقۇغۇچىسى.
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
136 قېتىم كۆرۈلدى | abdurazak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-20 17:43:19 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|