دىيەلەمسەن مەن ئەمەس
يۈسۈپ ئەخمەت(باشلامچى)
ھاراق ئىچىپ كوچىلاردامەس يۈرگەن،
چىدىماستىن بىراۋلارغا يەڭ تۈرگەن.
ئاتا ـ
ئانا دوسلىرىغا مۇش بەرگەن،
قېنى ئېيتە دىيەلەمسەن مەن ئەمەس.
خوتۇن تۇرۇپ ئاشنا ئويناپ ھارمىغان،
يامان يولدىن خۇدا ھەققى قالمىغان.
يامانلىقى ئىنسان ئالدىدا چانمىغان،
قېنى ئيتە دىيەلەمسەن مەن ئەمەس.
مىللتىڭگە ئۈنسىز تۆھپە بەرمىگەن،
تارىخ بېتىنى ھېچ ۋاراقلاپ كۆرمىگەن.
ئالىم بىلەن مەجلىسلەردە يۈرمىگەن،
يۈرەكىڭدىن دىيەلەمسەن مەن ئەمەس.
سۈيقەسىت قىلىپ ياخشىلارغا ياماننى،
شېرىك قىلىپ ھەر ئىشىغا شەيتاننى.
ئىنسان تۇرۇپ كۆزگە ئىلماي ئىنساننى،
يۈرگەن نادان دىيەلەمسەن مەن ئەمەس.
ئۈندىدار 2067186198