كېچەرمەنمۇ نەسلىمدىن
مۇھەممەتجان ئابلىمىت
كۆردۈم بىر رەت، قىلدى رام ھۆسنىڭ مېنى ئۆزۈڭگە ،
توختاپ يۈرەك سوقۇشتىن، شۇئان كەتتىم ئەقلىمدىن .
شەيدا بولدۇم ئەي جانان ،شىرىن تاتلىق سۆزۈڭگە ،
سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ ،ئەمدى مېنىڭ ئەپتىمدىن .
ئاي چۈشتىمۇ زىمىنغا ، گويا ئۆزۈڭ پەرىشتە ،
چۈشۈممۇ بۇ ئوڭۇممۇ ، مەنمۇ ياكى ئەرشتە .
ھۆسىن بەرگەن ساڭا كىم ؟ ئەجىر قىلىپ پەرۋىشتە ،
بولۇپ قالدىم ئەجەپمۇ، ئايرىلغاندەك ئەقلىمدىن .
سۆيگۈ ئوقى ئېتىلدى، داۋا يوقتۇر دەرمانغا ،
ئشىق ئوتى ۋەجىدىن ،قالدىم دەرت ۋە ھېجراندا .
كۆيۈپ پىشتىم سەن ئۈچۈن ،يىتەلىسەم ئارمانغا ،
رازى ئىدىم ئايرىلسام ،بارچە دۇنيا ۋەسلىمدىن .
سۆيگۈ ھېجران ئوتلىرى ،يالقۇنلايدۇ كۆزۈمدىن،
دەرت پىغانىم ئۆرلىسە كېچىپ كەتتىم ئۆزۈمدىن .
سۆيگۈ دەردى يامانمۇ، ئازدىم دائىم سۆزۈمدىن ،
ئايرىۋەتتى بۇ سۆيگۈ، غەمسىز باھار پەسلىمدىن .
ئىسكەنجىسى سۆيگۈنىڭ، بەلكى قىلماس مېنى ھۆر ،
ساپ مۇھەببەت ئوتلىرى ،شۇنچە كۈچلۈك كېلىپ كۆر.
ناۋادا سەن ئەسلىدىن، بولۇپ قالساڭ زاتى ھۆر ،
خائىن بولۇپ ئۆزۈمگە كېچەرمەنمۇ نەسلىمدىن.
2015-يىل 7-ئاي
135 قېتىم كۆرۈلدى | 13779696962 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-27 13:17:48 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-30 11:30:21 | مەخمۇت يۇنۇس پتۇ |
ياخشى يېزىلىپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|