ئامان بولغىن جان دادام
ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
بۇ دۇنيالىق سۇلتانىمسەن جان دادام،
دەرتلىرىمگە غەمخانىمسەن جان دادام.
سەنلا بولساڭ نۇر تۆكۈلەر يۈزۈمدىن،
ئامان بولغىن، ئارمانىمسەن جان دادام.
سەن بولمىساڭ يىگەنلىرىم ئاش ئەمەسكەن،
سەن بولمىساڭ كۆرگەنلىرىم كۈن ئەمەسكەن.
سەنسىز كۈلگەن كۈلكەممۇ ھەم راس ئەمەسكەن،
ھەر جايدا بول ئامان بولغىن جان دادام.
كەپتەر بۇلۇپ ئاغزىدا دان توشۇپ باققان،
ئوتتا كۆيۈپ سۇلىرىمدا سەل بۇلۇپ ئاققان،
قەھرىتاندا تۈنلىرىمگەن ئوت-گۈلخان ياققان،
جېنىم دادام،خىزىر دادام ئامان بولغىن.
دادام…دادام … سۇلتانىم دادام،
دادام…دادام … غەمخانىم دادام،
دادام…دادام … ئارمانىم دادام،
دادام…دادام … سەن خانىم دادام،
( 2015-يىل 4-ئاي 11-كۈن )مارالبېشى
ئاپتۇر:مارالبېشى ناھىيلىك زەچەر چەكلەش ئەترىتىدە
199 قېتىم كۆرۈلدى | otkax | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-29 17:03:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|