نىگارغا سۆز
ئاپتورى: ئېھتىيار يارمۇھەممەت
ئەتىمىزگە ئوت قۇياش نۇر چاچىدۇ جانانە ،
بەختىمىزگە شۇندىمۇ ئۆزۈڭ چىراق ياققىنە .
كۆيۈپ تۇرغان بىر يۈرەك مىنىڭدە بار سەندىچۇ ،
قوش يۈرەككە قىلچىلىك دەز كەتمىسۇن نىگارە .
خۇشاللىقا بەزىدە ھەسرەت كىلەر ياندىشىپ،
شۇنداق ئىكەن مۇھاببەت شادلىق قايغۇ ئالمىشىپ ،
كۈلكىمىزگە بىلمەيلا قالسىمۇ ياش ئارلىشىپ ،
قوش يۈرەككە قىلچىلىك دەز كەتمىسۇن نىگارە.
توسالغۇ كۆپ مەنزىلدە قوللىرىمنى قويۋەتمە ،
بىر دەقىقە يىنىمدىن يىراقلاشما سەن كەتمە ،
گۇناھسىز پاك كۆڭلىمنى چىن مېھرىڭگە زار ئەتمە،
قوش يۈرەككە قىلچىلىك دەز كەتمىسۇن نىگارە .
كۈيى تولا سۆيگۈنىڭ ھېچ گەپ ئەمەس داستانمۇ،
ئۇشبۇ سۆيگۈ ئىيتقىنا بولۇر قانداق يالغانمۇ،
سېنىڭدىن ئاھ تانغانمۇ ،ياكى سۆيگۈم چانغانمۇ !
قوش يۈرەككە قىلچىلىك دەز كەتمىسۇن نىگارە .
تىلىكىم شۇ ئۆمۈرلۈك سېنى كۈتسەم كەلگىچە،
ئىشىكىمنى ۋىسالنىڭ شۇ قوللىرى چەككىچە ،
بەخت ،ئامەت ھەم نۇسرەت بىزگە كىلىپ يەتكىچە،
قوش يۈرەككە قىلچىلىك دەز كەتمىسۇن نىگارە.
335 قېتىم كۆرۈلدى | tarki | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-22 12:24:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|