ئايەم مۇبارەك ئانا قىرىنداش
ئاپتۇر،مۇساجان ئابدۇل،غۇلجا
1822643898:ئۈندىدار
____
كىلىپ قاپتۇ ئايەم مۇبارەك،
قۇتلۇقلايمەن سىنى ئەي ئانا.
كەل تاشلىغىن كەتمەن ئوغاقنى،
بىر دەقەمدە كۇلەيلى ئاتا.
سالام بولسۇن مەندىن سىلەرگە،
سۇمبۇلە چاچ سىڭىل ھەدىلەر.
رىسقىڭلارغا ئۇچراشتى ئايەم،
مىھىر تاپقاي قىلغان پەتىلەر.
ئىنىم ئاكا - ئەكەل قولۇڭنى،
ئوپچە ھىتلاپ بىللە ماڭايلى.
جەننەت ئاناڭ ئاستىدا دەيدۇ،
شۇ جەننەتنى بىرىپ ئالايلى.
ئۇچراشقاننىڭ ئۆزى غەنىمەت،
ئۆلمەي تۇرۇپ يەنە ئايەمگە.
ئىي دوسلۇرۇم سالام مىنىڭدىن،
قەدەم يەتسۇن غىرىپ خانەمگە.
يىتىم يارى خۇدا دەيدىكەن،
مۇڭلانمىغىن ئايەمدە ھەرگىز.
ساڭا بولسۇن ئىسىل تىلەكلەر،
بەخىتلەرگە تۇتمىغىن پەرھىز.
ئاللاھ رەھمەت شىپا ئەيلىگەي،
ساقسىز ياتقان كىسەل ئاجىزلار.
ھەممە جانغا مەنسۈپ بۇئايەم،
ئىزىلمىسۇن ئاتەش باغرىڭلار.
بۇ ھاياتقا كۆز ئاچقان سەبى،
يەنە تۇغۇتتا ياتقان ئانىمۇ.
تالاي ئايەم نىسىپ ئەيلېگەي،
ئامان بولسۇن سىز ۋە بالىمۇ.
ياتقان يەرى جەننەتتە بولسۇن،
بىزنى تاشلاپ ئەۋۋەل كەتكەنلەر.
خەلقىم ئۈچۈن جەبىرگە چۆكۇپ،
بۇ ھاياتتا ئەلەم يەتكەنلەر.
ھەمدۇسانا شۇكۇرلەر بولسۇن،
بۇ ئايەمگە قەدەم تاشلىدۇق.
بارچە تۇققان قىرىنداش قاياش،
ھىتىڭلارغا بەخىت تىلىدۇق.
ئاپتۇر:مۇساجان ئابدۇل، غۇلجا
1822643898،ئۈندىدارى
2015 . يىلى 9 . ئاينىڭ 19 . كۇنى
نامسىز قىلماڭ يامان ئىللەتتۇر
122 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-9-23 20:59:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|