ئاتا سېنى بولسكەن دىدىم
ھېيىت كىلىپ بارچە شاتلاندى،
ئۆتمۈش ئەسلەپ مەندە ئۆرتىنىش.
قۇچاقلىدىم قەۋرەڭنى نەچچە،
ئاتا- سىنى بولسىكەن دىدىم.
سەن كەلمىدىڭ ھەممىسى كەلدى،
ماڭىمۇ ھېيىت بولغا نمىدۇ ؟
راس كۈلمىدىم باشقىلار كۈلدى،
ئاتا سىنى بولسىكەن دىدىم .
قۇچاقلىدىم قەۋرەڭنى نەچچە،
ئاتا دەپمۇ چاقىردىم يىغلاپ .
يەر -زىمىنمۇ تىتىرىدى بەلكىم،
لىكىن سەندىن كەلمىدى جاۋاپ.
دوسلۇرۇم ۋە تۇققان چىللىسا،
تەڭتۇشلىرىڭ ئولتۇرار ھەر يان.
لىۋىم كۈلكە يۈرەكتە ئازاپ ،
ئاتا سىنى بولسىكەن دىدىم .
سۈرىتڭنى تېڭىپ يۈرەككە ،
قەلبىمگە كۆپ بەردىم تەسەللى.
ئۇنتۇش مۇمكىن بولماسكەن ئەسلا،
ئاتا سىنى بولسىكەن دىدىم .
مەرھۇم ئاتامنى سېغىنىپ ........
قۇربانجان ئمن يالقۇنى
2015- يىلى 9- ئاينڭ 24-كۈنى مارالبېشى چوڭقۇرچاق
365 قېتىم كۆرۈلدى | kurban | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-27 23:13:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|