…تۈگەيدۇ…
يالغان سۆيمە ۋەدەڭ تۈگەيدۇ،
ۋىژدان غورۇر زەردەڭ تۈگەيدۇ.
يالغان سۆيۈپ ئالدىما ھەرگىز،
ئۆزەڭگە يانسا ھەدەڭ تۈگەيدۇ.
قۇياش چاشسا ئىللىق نۇرىنى،
گۈللەردىكى شەبنەم تۈگەيدۇ.
يېراق يارنى سۆيمىگىن ھەرگىز،
كۆز ياشلىرىڭ دەم-دەم تۈگەيدۇ.
كۆرەي دىسەڭ يىراق جامالى،
تۇتاي دىسەڭ يىراق ئالمىسى،
سېغىنىش يۆگەپ ئاتساڭ چالمىنى،
خوشاللىقىڭ ھەر-دەم تۈگەيدۇ.
قۇسۇر چىقار ھەر-قاچان سەندىن ،
تۇتىۋالساڭ يىراقتىن ياردىن.
داۋان ئاتلاپ ئۆتسەن يادىن،
پىنخان سۆيسەڭ مەرى تۈگەيدۇ.
شۈكرى قىلغىن كۆرگەن كۈنىڭگە،
سەبىر قىلغىن ئۇيقۇسىز تۈنگە.
توشقازساڭمۇ ئۆينى تۈتۈنگە،
ھەسرەت قىلىپ ئۆپكەڭ تۈگەيدۇ.
يىراق يارغا چىدىماي ھەر-ۋاق،
ئىچىۋالساڭ بىر قۇتا ھاراق.
ئۇنۇتقانداك قىلساڭمۇ ئازراق،
ئازاپ قالار كەيپەڭ تۈگەيدۇ.
2015 8 25 كۈنى
ئىسمايىل تۇداخۇن ئىنتىل
302 قېتىم كۆرۈلدى | ئىسمايىل تۇداخۇن ئىنتىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-25 20:10:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-27 20:14:15 | ھايات |
قالتىس بۇپتۇ |
2015-8-26 10:32:42 | ياسىنجان |
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن بەك ياخشى يېزىپسىز داۋاملىق تىرىشىڭ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|