بىلمەيسەن
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
قىلما قەسەم ، يالغان سۆيگەچ بىلمەيسەن ،
ۋۇجۇدىڭدا مېھىر يوقتۇر ، بىلمەيسەن ،
كىملىرىڭنى ئۇلۇغلايسەن ؟ بىلمىدىم ،
شادلىق بېرىپ باقمىغاچقا ، بىلمەيسەن .
شادلىق بېرىپ باقمىغاچقا ، بىلمەيسەن ،
تېرىك شېھىت بولدى جىسمىڭ ، بىلمەيسەن ،
قاچانلاردۇر راھىم ياندى ، بىلمىدىم ،
چۈنكى سەندىن ئۈمۈد ئۈزدۈم ، بىلمەيسەن .
چۈنكى سەندىن ئۈمۈد ئۈزدۈم ، بىلمەيسەن ،
تەبەسسۈمىڭ ئۆلۈك سېنىڭ ، بىلمەيسەن ،
تەمەيىم يوق ، ئەمدى مېنى كەچۈرگىن ،
ھايات شۇنداق چىكىپ باقار ، بىلمەيسەن .
ھايات شۇنداق چىكىپ باقار ، بىلمەيسەن ،
قەلبىم ئۆلدى ، سىزەلمىدىڭ ، بىلمەيسەن ،
تىكىپ قويغان گۈللىرىمنى پۇرىما ،
سەندە يوقتۇر مېھىر - ۋاپا ، بىلمەيسەن .
سەندە يوقتۇر مېھىر - ۋاپا ، بىلمەيسەن ،
ئاداشلىرىڭ كەتتى ئۇزاپ ، بىلمەيسەن ،
چىچەكلىرىڭ توزىغانتى بۇرۇنلا ،
پەرۋېش قىلىش ئۇنۇتتۇڭغۇ ، بىلمەيسەن .
پەرۋېش قىلىش ئۇنۇتتۇڭغۇ ، بىلمەيسەن ،
چوڭ - كىچىكنى ئايرىمىدىڭ ، بىلمەيسەن ،
پەقەت بايلىق ئويلىدىڭمۇ ، بىلمىدىم ؟
شەخسىيەتچىل بولىۋالدىڭ ، بىلمەيسەن .
شەخسىيەتچىل بولىۋالدىڭ ، بىلمەيسەن ،
پەقەت كۆردۈڭ بۈگۈنىڭنى ، بىلمەيسەن ،
ئالدىراشلىق ئۆتتى كۈنۈڭ ھەر دائىم ،
ئەمدى سېنى سۆيەلمەيمەن ، بىلمەيسەن .
ئەمدى سېنى سۆيەلمەيمەن ، بىلمەيسەن ،
كۈتتۈم ئۇزاق كېلەلمىدىڭ ، بىلمەيسەن ،
مەيۈسلەندى ئەمدى ئوتلۇق يۈرۈگۈم ،
كەچۈرگىنە ، چارچىدىمغۇ ، بىلمەيسەن .
تەھرىرلىگۈچى :ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار:qq1165181317
مۇھەررىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
21 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 22:52:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|