تەنھا كىچە

تەنھا كىچە

 

خىيالىم كەپتىرى قاقماقتا قانات ،

تەنھالىق چاقنىدى ئ‍ۇشبۇ كىچىدە .

 شۇتاپتا يەرجاھان شىرىن ئۇيقۇدا ،

يۈرۈكۈم تولغۇنار ئ‍ەلەم ئىچىدە .

 

 ئاھ، بۇ كىچە سىغىنىش ھەمراھتۇر ماڭا ،

 يۇلتۇزلا ئاڭلايدۇ يۈرەك سۆزۈمنى .

 تاتلىق خىيال ئىلكىدە كۈلۈپ باقساممۇ ،

ھىجراندا ياش بىسىپ قالدى كۆزۈمنى .

 

 بولدىغۇ بۇ كىچە ئۇزۇن بىر كىچە ،

 قىينالدى ئىشقىڭدا بىر نىمجان يۈرەك .

 دىيەلمەي بىر ساڭا يۈرەك سۆزىنى ،

 قالدى پەقەت قەلبىدە ئىزگۈ بىر تىلەك .

 

ئەكبەرجان ئ‍ىدىرس ئ‍ەرچىن





202 قېتىم كۆرۈلدى ARQEN ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-24 12:19:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ