بىر قىسىم شەھەر ناھىيەلەردىكى ساخاۋەتچى قېرىنداشلارغا!
باھارگۈل ئىبرايىم
ئەسسالام دەپ ئالدىم قەلەمنى قولۇمغا،
ئالى تىلەك تىلىمەك بوپ بويلۇرۇڭغا.
لالە-رەيھان ئۈنسۇن باسقان يوللۇرۇڭغا،
دەرت كەلمىسۇن مىھىرداشلا قوللۇرۇڭغا!
ئۈرۈمچىدىكىلەرگە
ئۈچتاش ، شاپتۇللۇق ياكى بۇلاق تاغ،
ھەممىسى قوينىدا ئۆستۈرگەن سېنى.
ھەر ياققا سوزغاچقا مىھىرلىك قوللار،
يايرىدى مىسكىننىڭ غەم باسقان دىلى.
تۇرپاندىكىلەرگە
سەن ئۈچۈن «كارىز» مۇ ئوقۇدى ناخشا،
چۈنچىلەر ساخاۋەتتىن ئاستى كۆزمۇنچاق.
مىسكىنلەرمۇ شاتلىققا چۆمدى ئاخىرى،
غېرىپقا ، يوقسۇلغا سەن ئاچقاچ قۇچاق.
كورلىدىكىلەرگە
كۆنچى دەريا بويلىرىدا ئۆسۈپ يىتىلدىڭ،
ساخاۋەتنى دەريا كەبى كېڭەيتىش ئويۇڭ.
غېرىپ ھەم مىسكىننىڭ غەمخانى بولغاچ،
دوئا بىلەن ئامان بولسۇن شۇئالتۇن بويۇڭ.
ئاقسۇدىكىلەرگە
يۈرەكلەرگە بىر ئىللىق مىھىر تارقىتار،
ساخاۋەتتىن نۇر ئالغان ئالمىدەك يۈزۈڭ.
ئۈزۈلمەيدۇ تىللاردا ساڭا داستانلار،
مىسكىنلەرنى ئويلىغاچ ھەر دائىم ئۆزۈڭ.
ئاۋاتتىكىلەرگە
مۇسەللەسنى كۆڭۈل قويۇپ ئېچىتقاچ ئۆزى،
ساخاۋەتتە چاقىرىقتۇر ھەر ئېغىز سۆزى.
ئىللىقلىققا تۈس بەرگەچ رەڭلىك پاختىدەك،
ساڭا چۈشتى پۈتۈن دۇنيا خەلقنىڭ كۆزى.
ئۈچتۇرپاندىكىلەرگە
يۈرۈكۈڭدە بىر ئېقىن دولقۇنلايدۇ بەھەيۋەت،
دەريا كەبى مىھىرگە تويۇندۇرۇپ دىللارنى.
«يەتتەقىز»نىڭ نامىدەك داۋاملاشسۇن ساخاۋەت،
«توققۇز»بۇلاق سۈيىدە يۇيۇندۇرۇپ يىللانى.
بايدىكىلەرگە
مېھنەتتە تاۋلانغاچ چېھرىڭ نۇرانە،
ئەجرىڭدىن پۈركىنەر تارىخ بەتلىرى.
قىلغان ئىشلىرىڭ گۇۋاھچى شاھىد،
قالدۇردۇڭ ئەۋلادقا مىھىر ئەنبىرى.
توغرىنى تاللىماقتا قېرى ھەم ياشلا،
ساخاۋەت كۈيىنى ياڭراتقاچقا سەن.
مىھىرلىك قەدىمىڭ باشلار ھەممىنى،
شۇڭا ھەر دائىمما ساغلامدۇر بەدەن.
كۇچاردىكىلەرگە
كۈسەن خەلقى ئۈچۈن سەن مىھىر سۆيگۈ دەرياسى،
دولقۇن ياساپ ئاقىسەن كۈسەن خەلقى قېنىدا.
ئارمانىڭغا مەڭگۈلۈك قانات بەرگەچ ساخاۋەت،
سەن چاقنىغان بىر يۇلتۇز مىھر-ۋاپا بېغىدا.
توقسۇدىكىلەرگە
سەن بولغاچ خوشاللىق مەۋجۇت توقسۇدا،
سەن بولغاچ ساخاۋەت تاپتىغۇ ۋىسال.
سەن بولغاچ ھەل بولدى يوقسۇلنىڭ غېمى،
سەن بولغاچ توقسۇدا پارلاق ئىستىقبال.
خوتەندىكىلەرگە
ساخاۋەتنى ئاممىغا سەن ئېلىپ كەلگەچ،
يوقسۇللارغا مىھىردىن بىر قۇچاق كەلدى.
مول - ھوسۇللار ياراتقاچ ئەجىر مىھرىدىن،
يۇرۇڭقاشمۇ ھاياجاندىن لەرزىگە كەلدى.
قاغىلىقتىكىلەرگە
يىل قېرىسا قېرىيدۇكى بەلكى قېرىماس،
سەن ياشناتقان مېھىر - مۇھاببەت.
شۇڭا دەيمەن قاغىلىقتا پورەكلەر ئاچسۇن،
يىلتىزلار تارتىپ خەير - ساخاۋەت.
ئاتۇشتىكىلەرگە
ساخاۋەتلىك چىمەنلىك گۈل باغ ئىچىدە،
كۆردۈم سىلەرنى ئاتۇش ئوغۇل-قىزى.
ئەنجۈر ، شاپتۇل خۇددى يۇلتۇزدەك،
سىلەر گوياكى چولپاننىڭ ئۆزى.
ھەممەيلەنگە
ئاستا- ئاستا ئىللىدى يوقسۇلنىڭ قەلبى،
كىرىشكەچكە ساخاۋەت سازى چېلىشقا.
پۈتۈن دۇنيا تەشەككۈرلەر ياڭراتتى مانا،
مىھرى ئىللىق ساخاۋەتلىك شاھ ۋە خانىشقا.
2014-يىل31-ئۆكتەبىر باي
240 قېتىم كۆرۈلدى | باھارگۈل ئىبرايىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-4 17:20:09 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-5 9:20:45 | ئىسرافىل |
قومۇلدىكىلەرگە يوقما |
2015-8-5 8:44:20 | شېرىن |
بەكلا ياخشى يىزىلىپتۇ |
2015-8-5 8:21:07 | مۇزات ئوغلانى |
ھەقىقەتەن ياخشىي يېزلىپتۇ،بارىكاللايېزلىپتۇ،بارىكاللا |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|