كەچۈر
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)
ئەدەپ ئەخلاق پەزىلەت،بىلدۈرگەنغۇ ئانىمىز،
ۋاپادارلىق،باتۇرلۇق،ئۆگەتكەنغۇ دادىمىز،
سەمىمىيلىك،راستچىللىق،ئۆگىنىپ ھەر دائىم،
قول تۇتۇشۇپ بىر ئۆمۈر،ياشىمامدۇق ھەممىمىز.
بىزنى بېقىپ بىر ئۆمۈر،ھارمىدىغۇ دادىمىز،
كېچە كۈندۈز ئۇخلىماي،بالام دىدى ئانىمىز،
نى ئازابلار،دەرتلەرنى،ئۇنۇتقانغۇ غەملەرنى،
ئاق سۈت بەرگەن ئەجرىگە،خۇشال بولغان ئانىمىز.
ئالدىراشلىق دەپ قويۇپ،ئاڭلىمىدۇق دەردىنى،
بىرەر قېتىم يوقلىغاچ،قۇيالمىدۇق سىنچاينى،
ئەقلىمىزنى تاپقاندا،ۋاپادارلىق يەتكۈزمەي،
جاپا چىكىپ بىر ئۆمۈر،بالام دەپلا كۈلمىدى.
ئاغرىپ قالسا ناۋادا،تېلېفونىمۇ ئۇرمىدۇق،
بېرىپ قالساق بەزىدە،ھالىڭ قانداق دىمىدۇق،
ئاغزىمىزنى يۇمالماي،تاتلىق بالام قېنى دەپ،
كېسەل بولسا گاھىدا،يوقلاپ قويۇپ كىتىشتۇق.
سېغىنغاندا بىزلەرنى،يىغىن دىدۇق كەلمىدۇق،
مۇڭداشقىلى بارالماي،بالا بېقىپ يۈرۈشتۇق،
كەچۈر ئانا،دادا دەپ،ئەپۇ سوراپ،دەرت ئېيتىپ،
كۈلۈپ قويۇپ،ئالدىراپ،بالام دەپلا كىتىشتۇق.
خىزمەت شۇنداق ئالدىراش،كەچۈرىڭلار مېنى دەپ،
ئۆي ئوچاقلىق بولغاندا،بالام يالغۇز ئىدى دەپ،
دەرتلىرىنى چاندۇرماي،ياشلىرىنى يوشۇرسا،
سۆيۈش-سۆيۈشلۈش بىلەلمەي،يۈرۈپتىمەن بالام دەپ.
ئەجرىڭلارنى بىلىمەن،كېتىپ قالدىم ئامالسىز،
ياشلىق ئازغۇن ئىكەنغۇ،كەچۈر دەيمەن زۇۋانسىز،
گۇلزارلىقىم جان ئانام،يۆلەنچۈگۈم جان دادام،
كەچۈر مېنى كەچۈر دەپ،يەنە كۈلۈپ يۈردۇق بىز.
129 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-16 1:48:28 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|