يۈرىكىڭنى ئوقۇپ باققۇم بار
قەلەمدە : نۇربىكە
يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
نىمە قۇرلار پۈتۈلگەندۇ دەپ.
ماڭا يازغان مەكتۇپلىرىڭدا ،
دىل ياراڭنى يۇشۇرغانمۇ دەپ.
يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
قايسى رەڭدە يېزىلغاندۇ دەپ.
ۋاپانىڭ ئاق رەڭلىك روماللىرىدا،
كۆز يېشىنى سۈرتكەنمىدۇ دەپ.
يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
كىم ھەققىدە يېزىلغاندۇ دەپ.
قان تامچىپتۇ قەلەم تىلىدىن،
ۋىجدان دارىغا ئېسىلدىمۇ دەپ.
يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
مەن ھەققىدە يازغانمىدۇ دەپ.
قويغان ئۇزۇن چىكىتلىرىڭدە،
تىلى ئاجىز كەلگەنمىدۇ دەپ.
يۈرۈكۈڭنى ئوقۇپ باققۇم بار،
كەچمىشىدە يۈرگەنمىدۇ دەپ.
قىسمەت ئاتلىق ئارقا كۇچىدا،
غەمگە پېتىپ ياتقانمىدۇ دەپ.
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
479 قېتىم كۆرۈلدى | Nurbike | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-29 18:26:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|