ئاق قۇشقاچ
ئاق قۇشقاچقا قىلىمەن ھەسەت،
شۇخلۇقىڭنى ماڭا قۇيۇپ كەت.
ساڭا ئاتاپ ياسىدىم ئۇۋا،
ئۆيلىرىمدە مىھمان بۇلۇپ كەت.
سەن ئۈچۈنلا چېچىلغان داندىن،
بىر مەرتىۋە ئېغىز تىگىپ كەت.
رەگەتكەمنى قويدۇم يۇشۇرۇپ،
ھودۇقماستىن سايراپ بىرىپ كەت.
مەي باغلاپتۇ ھويلامدا ئۈجمە،
تالاشمايمەن تازا تۇيۇپ كەت.
يوللىرىڭغا زارىقتى كۆزۈم ،
پەيلىرىڭدە يېشىم سۈرتۈپ كەت.
تۇنجى قاردا تۇتمايمەن سىنى،
كۆك قەرىدە پەرۋاز قىلىپ كەت.
ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن مىنىڭدىن،
ياشاپ ئەركىن بىھىشلەرگە يەت.
- ياۋا گۈل
125 قېتىم كۆرۈلدى | گۈلئايىم (ياۋا گۈل) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 0:50:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|