ھايۋاندىنمۇ ناچار ئىكەن بالا ئوغرىسى
رەھمەت
شۇم بۇيىدەك ئۈنۈپ چىقتى بالا ئوغرىسى،
بۇيا ئەمەس مەلئۇن ئەسلى ئۇنۇڭ توغرىسى .
ئادەم تۇرۇپ ئادەم ساتماق ئىنسانغا يات ئىش،
ھايۋاندىنمۇ ناچار ئىكەن ئۇلارنىڭ نەسلى.
ھايۋانلارنى تىللىدۇق بىز تەپتى ئۈستى دەپ،
چىشلىسمۇ ساقايغۇسى سىرتقى جاراھەت.
مەلئۇن ئالدى باغرىمىزنى سۇغرۇپ ئالدى،
بۇ جاراھەت ساقايماسكەن مەڭگۈ تا ئەبەت.
ئۇنۇڭمۇ بار بالىسى يا ئىنى سىڭلىسى،
ئۇنۇڭمۇ بار دادسىى يا ئانا مۇمسى.
ئىنسان تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ قىنىنى شوراش،
بۇنداق ئىشنى قىلماس ھەرگىز ئەقىل ئىگىسى.
زاريىغلىغان ئانا قايدا ئاتىلار قايدا،
ئاھۇزارى يىتەرھامان كۆككە تەڭرىگە .
پەرزەنتىگە ئۆرتىنىدۇ يۈرىكى ھامان،
ئۇيقۇ كەلمەس جۇدالىقتىن ھەتتاكۆزىگە.
قويغىنىنى تاپالمايدۇ قويغان جايىدىن ،
تۇتقىنى يا تۇتقان بولماس كۆڭۈل رايىدىن.
بالام دەيدۇ تۈگىسمۇ تاپقان تەرگىنى ،
بالام دەيدۇ كەتسمۇ گەر مەڭگۈ ھالىدىن.
يىغلاتتىڭلار ئەي مەلئۇنلار سىلەر زىمىننى،
ئايىغىڭلار ماڭماس بولسۇن قولۇڭلارتۇتماس.
يەتتە چاناپ ئۆلتۈرمەكمۇ يەڭگىل سىلەرگە،
زۇۋانىڭلار چىقماس بولسۇن قۇلۇقىڭلار گاس.
سەبىر بەرسۇن باغرى كاۋاپ قېرىنداشلىرىم،
يىشىڭلاردىن كۆرۈنىدۇ پەرزەنىت نىداسى.
سەبر بەرسۇن قەلبى ئۆچكەن قەلىبداشلىرىم،
نەق تەگكۈسى مەلئۇنلارغا قارغىش دۇۋاسى .
193 قېتىم كۆرۈلدى | rahmat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-23 1:43:00 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|