ئۇيغۇرئۆيى
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام
مىھمانغا خۇش قۇچاق ئاچارئۇيغۇرئۆيى،
تەشتەكتە گۈل پۇراق چاچارئۇيغۇرئۆيى.
نەقىشلەنگەن دەرۋازىسى پىشايۋىنى ،
زوقۇڭغا زەپ زوقنى قاتا ئۇيغۇر ئۆيى.
سەرەمجاندۇر يېشىللىقتۇر باغ ھويلىسى،
ئىلھاملىرىڭ قايناپ تاشارئۇيغۇرئۆيى.
شاختا ئالما باراڭلاردا ئوخشار ئۈزۈم،
يىسەڭ تەمى تىلدا قالارئۇيغۇر ئۆيى.
ئاياللىرنىڭ ئىشچانلىقى چىۋەرلىكى،
پاكىز كوچا قاتار-قاتارئۇيغۇرئۆيى.
قازىنىدا ھەرخىل تائام ھەرخىل لەززەت،
دەستىرخىنى بەركەت تاپار ئۇيغۇرئۆيى.
ئەجداتلاردىن قالغان مىراس ھۆنەر ئىخلاس،
تونۇرياساپ ناننى ياقارئۇيغۇر ئۆيى.
خوتەن گۈللۈك نۇسخىلانغان تاملىرىغا،
ئەتىۋارلاپ گىلەم ئاسارئۇيغۇرئۆيى.
ئۆگۈزلەردە كۆك كەپتەرلەر بۇقۇلداشقان،
لاپاسلاردا ئۇۋىسى بارئۇيغۇرئۆيى.
تەسۋىرلىرىم يەتمەس قانچە تەسۋىرلىسەم،
خورازچىللاپ تاڭمۇ ئاتارئۇيغۇرئۆيى .
219 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-10 16:02:44 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|