بارمۇ-يوق؟
شاۋكەت - غۇلجا
كەپتۇ دەپ ئاڭلىساڭ ئەگەردە مېنى،
گۈل تۇتۇپ ئالدمغا چىققۇڭ بارمۇ-يوق؟
كۈتمەيمەن سېنىڭدىن شىرىن شەربەتنى بىر چىنە،
دۇغ سۇنى تۇتقۇڭ بارمۇ-يوق؟
كاج كېلىپ تەغدرىم ،كەتسە ئامىتىم،
پۈكۈلسە ئەلەمدىن ئەگەر قامىتىم.
بولمىسا خۇشاللىق ۋە يا بىر قېتىم،
مەن بىلەن دەرت تارتىپ تۇرغۇڭ بارمۇ-يوق؟
ئاز ئەمەس ھاياتنىڭ جەۋرى جاپاسى ،
ئايلىنىپ يۈرىيدۇ كۈلكە خاپاسى.
مىسالى جەڭ گويا ھايات سەيناسى،
شۇ جەڭدە تەڭ زەپەر قۇچقۇڭ بارمۇ-يوق؟
كۈلۈپلا ياشىشىم بولمايدۇ نېسىپ،
بەزىدە قالىمەن بوينۇمنى قىسىپ.
ئازاپمۇ كېلىدۇ كەلكۈندەك بېسىپ ،
مەن بىلەن قېياندا ئاققۇڭ بارمۇ-يوق؟
130 قېتىم كۆرۈلدى | شاۋكەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-27 15:51:22 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|