جانانغا خەت
ئېزىز تۇرسۇن خەنجەرى
نەبولدى ئەي مىسكىن پەرى كىرپىكتە قەترى كۆز يېشىڭ،
ئۇشبۇ ھالغا چۈشكىدەك ئاچچىقمۇ مەندەك كەچمىشىڭ.
ئىششىپ قاپاق،قىزارىپ كۆز سىياقىڭ بەكمۇ ۋەيرانە،
خالىساڭ دەردىڭنى ئېيتقىن مەن بۇلاي بىر سىردىشىڭ.
قايسى نادان كۆڭلۈڭنى بىلمەي ساڭا ئازار يەتكۈزدىكىن،
شوخ تەبەسسۇم يوقىتىپ كۈلكەڭ يىراق كەتكۈزدىكىن.
تۇتۇلمىغىن ئاي يۈزۈڭنى توسمىسۇن قارا بۇلۇت،
ئېسىلساڭ مۈرەم سىنىڭكى مىنى بىلسەڭ دىلكىشىڭ.
ساڭا كۆيگەن تاشلىمايدۇ كەلسە باشقا مىڭ ئەلەم،
مىسالى پەرھاتۇ-شىرىن ۋە يەنە غېرىپ سەنەم.
تاللىماق بولساڭ ئۈزۈڭگە ھەمرا ئىچىدىن بىربەلەن،
مەن بۇلاي نامزاتى ئالىي ئىككى دۇنيالىق يولدىشىڭ.......
2017-يىل 9-ماي
جىنخۇا
تەھرىرلىگۇچى:ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۇندىدار:qq1165181317 مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۇندىدار :2041420589
73 قېتىم كۆرۈلدى | margimux | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-11 9:04:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
2017-6-10 23:51:35 | Gulkiz |
Malim. Bak. Yahxi. Yezipsiz |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|