قىمارۋازغا
مۇھەممەت ئىمىن سەھرايى
تىكە ئاداش قىمارغا تىكمىگەن شۇ ئۈيۈڭ قالدى،
قۇتاندىكى بۇرداپ باققان قۇيۇڭ قالدى.
تىكىپ بۇلدۇڭ ھەممنى ئەمدى نىمە تىكەرسەن،
ئۆيدىكىنى تىكەي دەپلا ئۇيۇڭ قالدى.
تىكە ئاداش تىكمىگەن شۇ ئاناڭ قالدى،
يالىڭاياق تام تۈۋىدە يىغلاپ مانا بالاڭ قالدى.
قۇرساقلىرى ئاچ يۈرەر شۇ بىچارە،
جۇدۇن ئىسسىق زىمىستان.قىش يالاڭ قالدى.
تىككىن ئەمدى ئۆيدىكى شۇ خۇتۇننى،
ئۇتتۇرۋەتسەڭ تىككىن يەنە ئۇتۇننى.
قالمىسۇن ھەي سەنمۇ شۇ مال-بىسات،
قالماي يەنە تىكىۋەت گۇگۇت ئاشۇ سۇپۇننى.
تىكمىگەن ھەي سىنىڭ شۇ داداڭمۇ.قالمىسۇن،
يىراق جايغا تىكىۋەت قايتىپ كىلىپ يانىمىسۇن.
قېرىپ قاپتۇ سىنى باققان ئاتاڭمۇ،
يېنىپ كىلىپ باقە دەپ جاپا سالمىسۇن.
ئىست لەنەت دەيمەن سەندەك ئەركەككە،
ھېچ بىر ئۇخشماپسەن ئەرخەقكە.
ئادەملەرنىڭ جيزىغا تەڭ كەلگەن نەدە بار،
ئىرىشتىڭمۇ كۈندە ئويناپ كۆپ نەپكە.
تىكىپ ھەممنى ئەخمەق ئەمدى نىمە تىكەرسەن،
قىلىپ سەنمۇ ئۇغۇرلۇق تۇرمىلاردا ياتارسەن.
يەم بۇلۇپلا چۇسا پىتلار بۈرگىگە،
پۇشايماندا ئىست دەپمۇ ياتارسەن.
قىماردىگەننىڭ كەلگىنى ھەي نەدە بار،
ئويناۋىرەمسەن كاللىسىنىڭ دەردى بار.
ئەمدى بېرىپ تىككىن تۇپراق تۇپىسنى،
ئىزدەپ قالمايسەن ئىگىلسەڭلا يەردە بار.
ئويناپ قېنى ئيتە پايدا ئالدىڭمۇ،
ئولتۇرىسەن كەپىدە بىرەر ساراي سالدىڭمۇ.
قۇتۇلدىڭغۇ ئۆي بىساتىڭ ھەممىدىن،
ئەمدى ئەخمەق ئويناشتىمۇ ياندىڭمۇ.
2015.8.17
خوتەن كەچ
158 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-8-18 8:19:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|