قايگە كەتتىڭ
ئىسراپىل ئىسمائىل
ئايلىنىپ كەلدىم كوچاڭغا نەچچە رەت،
تەلمۈرۈپ باقتىم كوچاڭغا نەچچە رەت.
خەت يېزىپ بەردىم ئۇكاڭغا نەچچە رەت،
چىقمىدىڭغۇ قايگە كەتتىڭ گۈلنىگار.
بۇ ئىشىق بولدى ماڭا تەگسىز دېڭىز،
ماڭغىنىم گۈلشەن ئەمەس بولدى ئېڭىز.
يوقۇدۇڭ بەرمەي سۆزۈڭ ئىككى ئېغىز،
چىقمىدىڭغۇ نەگە كەتتىڭ گۈلنىگار.
كەچتە ئاي تۇرسا ئۆيۈڭگە نۇر چېچىپ،
مەن يۈرىمەن ھەسرەت شارابىنى ئىچىپ.
يا كېتەلمەيمەن ھامان سەندىن كېچىپ،
چىقمىدىڭغۇ نەگە كەتتىڭ گۈلنىگار.
ئۆرتىنىمەن چىقسا ھويلاڭدىن بىراۋ،
قايغۇرىمەن كىرسە ھويلاڭغا بىراۋ.
سېنى ساقلاپ چۈشتى باشىمغا قىراۋ،
چىقمىدىڭغۇ قايگە كەتتىڭ گۈلنىگار.
كۈزدە چۈشكەن بىر خازاندەكلا سېرىق،
بولدى رەڭگىم، بولدى كۆڭلۈم مىڭ تېرىق.
ئويلا سۇسىز ھەم ياشالامدۇ بېلىق،
چىقمىدىڭغۇ قايگە كەتتىڭ گۈلنىگار.
مەن تىلەيمەن بىرلا كۆرمەككە سېنى،
لەۋلىرىڭگە بىرلا سۆيمەككە سېنى.
بولدى چىق كۈل كەبى قىلما مېنى،
بۇ دىلىمنى خەستە قىلما گۈلنىگار.
(ئاپتۇريەكەن ناھىيە دۆڭباغ يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە)
166 قېتىم كۆرۈلدى | ئىسراپىل ئىسمائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-2 13:59:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|