ئانامغا
ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئۆزۈڭ تەرىپىڭ ئاسمانغا تەڭ ،
مېھرىدە سۇنغان بەخت،يۇمۇلماس ئالقانغا تەڭ .
يانسا گەر بەختىم نۇرى خۇشلۇقىڭ ئالەمچە بار،
سۆيۈنۈپ ئاچقان چېچەك ،خۇش ئىپار ،رەيھانغا تەڭ .
پەرزەنتىڭ تۆكسە ئەگەر ئالدىڭدا بىر تامچە ياش ،
پىنھاندا ئاققان يىشىڭ توختىماس ئوكيانغا تەڭ .
مەن كۈلۈپ ئۆتتۈم مانا،چىن مېھر ،سۆيگۈڭ بىلەن،
سېنىڭسىز بىر كۈن ئانام،قايغۇلۇق ھىجرانغا تەڭ .
سەن ئۈچۈن قىلسام خىزمەت بۇ تەلەي ،ئامەت ماڭا،
مەن بولاي ئەجرىڭگە قۇل ،ئۆزۈڭ شاھ -سۇلتانغا تەڭ.
كۈيلىرىم سەنچۈن ئانا مەن ياشاي پەخرىڭ بولۇپ،
كۈيلىسەم مېھرىڭ سېنىڭ مىڭ چاۋاك ،داستانغا تەڭ.
ئاپتور ئېھتىيار يارمۇھەممەت
288 قېتىم كۆرۈلدى | tarki | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-21 13:51:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|