قارغىشلار ياغسۇن بالا ئوغۇرلىرغا
قارغىشلار ياغسۇن ئىپلاس بالا ئوغۇرلىرغا،
قۇرۇپ تۇزۇپ كەتسۇن ئايلانسۇن مۇردىغا.
قانچىلغان ئاتا-ئانلارنى قان يىغلىتىشتىڭ،
تۇپراقمۇ ئالماسمىكىن سەنلەرنى ئۆز قوينىغا.
جازا توغرا كىلەرمۇ ئۈتكۈزگەن گۇناھىغا،
قۇلاق سىلىپ باقمىغانمىدۇ ئاتا-ئانلارنىڭ زارغا.
ئادەملەر تۇپىغا چوڭ ئەندىشە سىلىشتىڭ،
ھايۋانمۇ سەنلەر ھايۋانلارمۇ ئالماس ئۆز ئارسىغا.
قانداقمۇ سۇنارسەن قۇلۇڭنى نارسدە بالىلارغا،
سەبى كۈلكىللىرنى ئايلاندۇرۇشتتۇڭ يىغلارغا.
تۇزۇپ كىتەر بىر كۈنى تاپقان ئەخلەت بايلىقىڭ،
كار قىلماس مەينەت پۇللىرىڭ جان ئالار ئەزرايىلغا.
دۇنيامۇ توۋا دەپ قالدى قىلۋاتقان قىلمىشلىرىڭغا،
شەيتانمۇ ھەيرانە قورقماي ئۆتكۈزۋاتقان گۇناھڭغا.
ئاتا-ئانلارنىلار ئەمەس ئالەمنى ھۆر يىغىلىتىشتىڭ،
قىلشارسەن بىر كۈنى ئەل-جامەئەت قارغىشغا.
كۆرەڭلەرشمە ھىلگەرلىكىڭدىن پاتماي جاھانغا،
قان ياش ئاققۇزۇپ تاپقان مەينەت بايلىقلىرىغا.
شۇنچە ئۇماق سەبىلەرنى نەلەردە خار قىلىشتىڭ،
قانداق بىرىشنى ئويلاپ بىقىشتىڭمۇ ئۇ دۇنياغا.
ئەل قىساسى مىنەل ھەق پالتا چۈشەر بوينىڭغا،
پالتا بىلەن كىرەر ئادالەت شەمشىرى قۇينىڭغا.
سەبىلەر كۈزدىن ئاققۇزغان بىر تامچە ياشنىڭمۇ،
قىساسىنى بىرىپ كىتىشسە تېخى ئۇ دۇنياغا.
ئازغىنىڭ يىتەر ئەمدە باللارنى تاپشۇر ئاتا-ئانلارغا،
ئىنساپ بەرسۇن كۆڭلىڭگە يۈز كەلگىن ۋىجدانىڭغا.
نالە-زارىغا قۇلاق سىلىپ باققىن ئاتا-ئانلارنىڭ،
يانساڭ خاتا قەدمىڭدىن پاك كىرسەن ئەل قوينىغا.
جۈپ قوللار كۆتۈرلسۇن باللارنىڭ تىپىلشغا دۇۋاغا،
ئاتا-ئانلار پەرزەتتىنى تاپسۇن باسسۇن باغىرغا.
ساقلىسىۇ ھالاك بۇلۇشنى ئۆز قۇلمىزدا ئۆزىمىزنىڭ،
بۇ تۇپراق تولمىسۇن بالا دەردىدىكى كۆز ياشلارغا .
ئەيسا (ئويغاق)
277 قېتىم كۆرۈلدى | oYGaK | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-4 19:04:13 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-5 3:02:19 | پەرھات |
ياخشى بوپتۇ . |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|