سەن بىلەن
… metro …
ئارلاشقۇم يوقتى ئەسلىدە،
يۇرۇپ قويدۇم سەن بىلەن.
خۇشال كۈنۈم يوقالدى،
يۇرگەن بېرى سەن بىلەن.
سوقۇشقاق توخو ئىكەنسەن،
گۈللەپ يۈردۈم يەم بىلەن.
قۇسۇر تېپىپ ھارمىدىڭ،
بىللە بولسام سەن بىلەن.
مىنۇت، سىكىنۇت ئارام يوق،
گەپ قىلمىسام قەن بىلەن.
جەڭ باشلىنار بىردەمدە،
ئۆتمەك تەسكەن سەن بىلەن.
يامغۇرلاردا ماڭغۇم يوق ،
زۇكامدىسام سەن بىلەن.
چاپىنىمنى ئېلىۋالسەن،
ھىيلەڭ بىلەن پەم بىلەن.
بازارلارغا كىرگۈم يوق،
ئايلانغىلى سەن بىلەن.
ياسانچۇق بىر قىزكەنسەن،
يانچۇق قۇرۇق سەن بىلەن.
كۆڭۈل بۆلۈش ئەسلا يوق،
ئەس - يادىڭ چەن بىلەن.
ئۆزەڭنىلا ئويلايسەن،
بىرگە ئۆتسەم سەن بىلەن.
كەلگۈسۈمنى ئويلىماي،
قانداق يۈرەي سەن بىلەن.
ئاتا- ئانام قان يۇرتار ،
توي قىپ قالسام سەن بىلەن.
ھۈرمەت سەندە يوق ئىكەن،
ھەسىرەت ھەمىرا مەن بىلەن.
يۈزۈم مېنىڭ قارا بولدى،
قارا كۆڭۈل سەن بىلەن.
تۇققانلىرىڭغا يات قىلدىڭ،
يۈزۈڭ ئوراپ چەم بىلەن.
نەپ بولسىلا بولامدۇ؟،
دۆتلۈك قالسۇن سەن بىلەن.
ئاناڭ بەكلا ۋاتىلداق،
يۆلەك بولۇپ سەن بىلەن.
داداڭ قوغلار چۈشەنمەي،
توخماق بىلەن پەن بىلەن.
بولدى كىتەي ئەمدى مەن ،
ئارلاشمايمەن سەن بىلەن.
تاپقىن قارغۇ ، گاسنى سەن،
سوقۇشمايدۇ سەن بىلەن.
2015.9.5
127 قېتىم كۆرۈلدى | metro | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-26 9:18:45 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|