بولىمەن بۈركۈت
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
مەرىپەتنىڭ يالقۇنىدا ئوت بولۇپ يېنىپ ،
چۈشلىرىمدە بالىلارنى سۆيسەم بەك قېنىپ ،
بەختى ئۈچۈن ئەۋلاتلارغا ئاتاپ بارىمنى ،
نۇرلۇق مەشئەل ئوتلىرىدا ، يالقۇنجاپ يېنىپ .
ئويلىمىدىم راھەتلەرنى ، قىلمىدىم سۈكۈت ،
ۋەتەن ئۈچۈن ئەۋلاتلارنى قىلىمەن بۈركۈت ،
ۋەتېنىمنىڭ قوينى ئىللىق ، غەمسىز ياشايمەن ،
مۇقۇملۇقتا چىڭ تۇرىمەن ، بولىمەن بۈركۈت .
سولاشمىسۇن غۇنچىللىرى ، ئوزۇقلار بىرەي ،
خەلقىم ئۈچۈن ياشلىغىمنى تەقدىملا ئىتەي ،
ۋۇجۇدىمدا ۋەتەن كۈيى ، مەرىپەت ئىشقى ،
بېغىشلايمەن مېھىر بېرىپ ، باياۋان كېزەي .
باغۋەن بولۇپ بىر ئۆمۈرگە پارلىسام دەيمەن ،
ئەقىدىدە دىللىرىنى يورۇتاي دەيمەن ،
كىچە - كۈندۈز ئويلايمەنغۇ ، ئىللىقلىق پەقەت ،
بارچە مىللەت تەڭ كۈلۈشۈپ ، ياشىسا دەيمەن .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
27 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 0:27:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|