كۆزۈڭ ئاچقىن تىرورچى
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
يورىمىغاچ دىللىرى ، بەك ناداندۇر تىرورچى ،
خۇراپىيلىق دەستىدىن ، چۇقان سالۇر تىرورچى ،
ھەق - ناھەقنى ئايرىماي ، تۇزى كورلۇق قىلمىغىن ،
ئۇيۇلتاشتەك ھەر مىللەت ، غەۋغا قىلما تىرورچى .
بەتنىيەتلىك ئويلىما ، ھەي بۆلگۈنچى تىرورچى ،
ۋەتەن ئىللىق قوينىدا ، دۇرۇس بولغىن تىرورچى ،
كېرەك بىزگە ئىللىقلىق ، ئەسەبىيلىك قىلمىغىن ،
بىلجىرلىما بىھۇدە ، كۆزۈڭ يوقمۇ تىرورچى .
نادانلىقنىڭ دەستىدىن ، ئوتنى تۇتما تىرورچى ،
خۇراپىيلىق دەستىدىن ، ئاداشمىغىن تىرورچى ،
ئەزىمەتتۇر ھەممىمىز ، قىلچە يوچۇق بەرمەيمىز ،
كۇكۇم - تالقان بولىسەن ، نەيرەڭ قىلما تىرورچى .
ئىللىقلىقنى ئويلىغىن ، رەزىل بولما تىرورچى ،
ئىللىق قۇياش نۇرىغا ، ھەسەت قىلما تىرورچى ،
ۋەتەن قوينى بەك ئىللىق ، نادانلىقتىن قۇتۇلغىن ،
ھەممە مىللەت ئۇيۇلتاش ، بىلىۋالغىن تىرورچى .
ئويلىمامسەن ئىللىقلىق ، لەنەت ساڭا تىرورچى ،
ھۇقۇشلاردەك يۈرەمسەن ، ۋىجدان يوقمۇ تىرورچى ،
تەلۋىلەرچە ئىش قىلما ، تېپىۋالغىن ھۇشۇڭنى ،
بىلسەڭ ۋەتەن ئاناڭدۇر ، كۆزۈڭ ئاچقىن تىرورچى .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
38 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 0:23:07 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|