بىز يەنىلا بالىلىق قىلدۇق
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام
بويۇن تولغاپ ئاتا سۆزىگە،
بىزيەنىلا بالىلىق قىلدۇق.
ياش تولدۇرۇپ ئانا كۆزىگە،
بىزيەنىلا بالىلىق قىلدۇق .
خىزمەت جىددى ئالدىراشلا دەپ،
مۇڭدىشالماي ۋاقتىمىزقىس دەپ.
دەم ئېلىشتا مۇناسىۋەت دەپ،
بىزيەنىلابالىلىق قىلدۇق.
قېرىلىقى ئېغېركەلگەندەك،
بەس سېلىشتۇق بېسىم بولغاندەك.
ئۆزىمىزچە چوڭ بوپ قالغاندەك،
بىزيەنىلا بالىلىق قىلدۇق.
باققانلىرى قالغاندەك كەملەپ ،
چوڭ بولغاندا قويغانتى ئۆيلەپ.
بىرخۇش قىلىپ بىرقايغۇ يۈكلەپ ،
بىزيەنىلا بالىلىق قىلدۇق.
قالدى دېدۇق دەۋىركەينىدە،
يول كۆرسىتىپ قويسائەگەردە.
ئورۇنسىز ئىش قىلىپ بەزىدە،
بىزيەنىلا بالىلىق قىلدۇق.
پۇل ئەمەستى بىزدىن كۈتكىنى،
ئاتاپ قويغان مالۇ-مۈلكىنى.
مىننەت بولدى بىزدىن كەلگىنى،
بىز يەنىلا بالىلىق قىلدۇق .
203 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجام | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-5 15:21:32 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|