ئەجەپ
مىھىرگۈل نۇرمۇھەممەت
ئازدىممىكىن بىلەلمىدىم ھېچ، تۇيغۇلىرىم بويسۇنماس ئەجەپ،
خىيالىمغا كىرمىگەن دەرتكە، بولدۇم ئۆزۈم مۇپتىلا ئەجەپ .
زەئىپلىكتە بۇ تېنىم مەجروھ، غورۇرۇمدىن ئۆچكەندە غەزەپ،
زاۋاللىقتا تېنەپ بىر مەھەل، ئۆزۈم ئۇنتۇپ يۈردۈما ئەجەپ.
كېچىلىرى ئۇيقۇدىن بىدار، تىلەكلىرىم ئۇپۇقتا لەيلەپ،
كۆزلىرىمنى گىرىيان ئەيلەپ، شۇ يوللارغا باقتىما ئەجەپ.
يۇلتۇزلارمۇ كېتىپتۇ تاراپ، كۆرسەڭ ھالىم ئۇنىڭدىن خاراپ،
قارا تۈندە ئەينەككە قاراپ، ئۆز ئۆزۈمگە كۈلدۈما ئەجەپ .
ئاققان يېشىم كۆرۈنمەس پىنھان، سەبىرلەرگە بارمىدۇ ئىمكان؟؟!
ۋىسالنى دەپ «بەئەينى شەيتان »، ھېجرانغا بەند بولدۇما ئەجەپ.
2017-يىل ئاپرېل تارىم كېچە
45 قېتىم كۆرۈلدى | مىھرىگۈل نۇرمۇھەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-4-16 12:42:57 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|