ئانام، مېھىرىبانىم نەلەردە قالدىڭ
ئانا دەپ سۆزلىسەم ئانا تىلىمدىن،
تىلىمدىن چىقمايدۇ چىقار دىلىمدىن،
سېغىنىش ياشلىرى ياغار كۆزۈمدىن،
ئانام!!! مېھىرىبانىم نەلەردە قالدىڭ؟؟؟
ياشاپ كەتتىم ئانا سېنىڭدىن ئۇزاق،
مېھرى ئىللىق ئەشۇ چېھرىڭدىن ئۇزاق،
(بالام) دەپ چاقىرغان ئۈنۈڭدىن ئۇزاق،
ئانام!! قەدىردانىم نەلەردە قالدىڭ؟؟؟
ئانا سېنىڭ بىلەن قىشىم باھارتى،
ماڭا سېنىڭ بىلەن رەھمەت ياغارتى،
كۈلكىلەر سەن بىلەن كۈنۈمگە يارتى،
ئانام!!گۈل باھارىم نەلەردە قالدىڭ؟؟؟
جان ئانا بارسامكەن قېشىڭغا ئۇچۇپ،
ئەركىن پەرۋاز قىلغان بورانقۇش بولۇپ،
يېنىڭدا ئۆتسەمكەن پۇتلىرىڭ تۇتۇپ،
ئانام!!!جانۇجانىم نەلەردە قالدىڭ؟؟؟
مۇساپىرلىق ئەجەب قىينىدى مېنى،
جان ئانا قاچانمۇ كۆرەرمەن سېنى،
بۇ سېغىنىش ئوتى يۈتكەيمۇ مېنى،
ئانام!! غەمگۇزارىم نەلەردە قالدىڭ؟؟
ئانام ... ئانام مېھرىبان ئانام،
ئانام ... ئانام قەدىردان ئانام.
ئانام ... ئانام دىلدارىم ئانام،
ئانام ... ئانام غەمزارىم ئانام!!!
فەرۇق ئۇدۇنى 2015.8.25
172 قېتىم كۆرۈلدى | فەرۇق ئۇدۇنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-2 16:56:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|