چۈنكى مەن شۇنداق قەدىرسىز ئىنسان
قالدى جاۋاپسىز كۈرمىڭ سۇئالىم،
نەقەدرى بولسۇن مېنىڭ گەپلىرىم.
ئېلىك ئېلىنماس ھەتتا سالامىم،
چۈنكى مەن شۇنداق قەدىرسىز ئىنسان.
تاڭ يورىماستا كۆزۈمنى ئېچىپ،
سالام يوللايمەن ئۇچۇر ئەۋەتىپ.
ئۇچۇر ئارسىغا مېھرىمنى قېتىپ،
چۈنكى مەن شۇنداق چىن ئاشىق ئىنسان.
ئۈندىدار ئېچىپ يازغان خەتلىرىم،
رومان بۇپ توشتى پۈتۈن ئىكرانىم.
ھە دىگەن جاۋاپ پەقەت كۆرگىنىم،
چۈنكى مەن شۇنداق قەدىرسىز ئىنسان.
يۈرەككە داۋا ئاشۇ ئاۋازنى،
ئاڭلاي دەپ قولغا ئالدىم تىلفوننى،
ئاڭلىدىم دائىم يىقىمسىز ئۈننى،
چۈنكى مەن شۇنداق قەدىرسىز ئىنسان.
كەچلىكى يەنە تىلفون قۇلۇمدا،
ئامانەت قىلىپ قادىر ئاللاھقا.
شۇندا خاتىرجەم كىردىم ئۇيقۇغا،
چۈنكى مەن شۇنداق چىن ئاشىق ئىنسان.
جاۋاپسىز قالسۇن مەيلى سۇئالىم،
ئېلىك ئالمىسۇن مەيلى سالالىم.
سۈيۈشتىن يانماس مېنىڭ يۈرىكىم،
چۈنكى مەن شۇنداق چىن ئاشىق ئىنسان .
بولسىمۇ مەيلى نۇرغۇن سىرلىرىڭ،
ئاچچىق بولسىمۇ بەزى سەۋەبىڭ.
يانمايمەن ھەرگىز ئىزدپ ۋىسالىڭ،
چۈنكى مەن شۇنداق چىن ئاشىق ئىسان.
،،،،،مەردان شاھ،،، ،،،،، خۇشخۇي m غا بېغىشلايمەن،،،،
160 قېتىم كۆرۈلدى | huxhuy | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-25 1:25:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|