يالغان
يالغاندىن يىراقتۇر كۆڭلۈم شۇ تاپتا
ۋە لىكىن ئازاپنىڭ قۇلىسى ياقامدا
قىينايدۇ كېچىنىڭ سىرتمىقى ھەم
تۈگىمەس خىياللار يامرار كاللامدا
كۆزلەرنىڭ كۈلگىنى ئەسلىدە يالغان
شۇ راسنىڭ ئورنىنى يالغانلار ئالغان
ئاشىقنىڭ ۋەدىسى يوللاردا قالغان
كەيىپ ئۈچۈن ھەممىدىن تانغان
ئىشەنمە ! ئاشىقنىڭ ۋەدىسى يالغان
كۈلۈپ تۇرۇپ سۆيىمەن دىگىنى قالقان
يالغانلار راستتىن ئاغرىنىپ يۈرۈپ
قىلىدۇ كۆڭۈلنى ئۆلگۈچە ۋەيران
شۇندىمۇ ھەممىنى ئۇنتۇش كېرەكتە
راست ھەم يالغانمۇ ئۇنتۇلار بىرگە
كېتەر ئۈتۈپ ھەممە بىر پەستە
لىكىن باشقا بىرى يىغلار بۇ ھەقتە
بەخىتلەر يىراق يالغاندىن مەڭگۈ
بىر چەتتە قالسىكەن يالغان تاشلىنىپ
بۇ شۇنداق مىنىڭ ھەم ئۇنىڭ ئارزۇسى
يوقالسۇن شۇ يالغان ئەبەتكە شاللىنىپ!
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
77 قېتىم كۆرۈلدى | ئەلىدا ئۇيبېك | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-23 16:49:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|