ھەسرەتتە جانان
فەرۇق ئۇدۇنى
جانانغا باقتىم سۇلغۇندۇر كۆزى،
قان ياشتا داغلىنىپ كۆيۈپتۇ يۈزى.
نىجاتلىق تىلەپ ھەرياققا بېقىپ،
توۋلايدۇ توختىماي چىقمايدۇ ئۈنى.
قەلبىگە تولۇپتۇ ھەسرەت نادامەت،
كۆرگىنى خۇددى چۈش قارا قاباھەت.
تولغىنار قان يۈتۈپ تولغىنار جانان،
جاھاندىن يۈتكەچكە ھەق ھەم ئادالەت.
جانانىم ھەسرەتتە يىغلايدۇ غېرىب،
بولمىغاچ گۈزەل تاڭ ئۇنىڭغا نېسىپ.
پورەكلەپ ئېچىلغان ھايات باھارى،
سۇلۇپتۇ قۇرۇپتۇ زىمىستان كېلىپ.
كۆيىدۇ يۈرەكلەر جانان ئىشقىدا،
مەقسەتسىز قەدەملەر ھىجران كوچىدا.
مەيلى چۆكتۈرسۇن شۇ قان ياشلىرى،
ياكى جان بولسۇن ئۇنىڭغا پىدا.
ئۈمۈدۈم ئەي جانان يىغلىما غېرىب،
بىچارە قەلبىمگە پىراقلار سېلىپ.
گۈزەل تاڭ ئاتىدۇ باھار كېلىدۇ،
ھاياتىڭ گۈللىنەر چېچەكلەر ئېچىپ.
2015.9.25 فەرۇق ئۇدۇنى
107 قېتىم كۆرۈلدى | فەرۇق ئۇدۇنى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-26 17:17:23 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|