ھايات
يوقلىقتىن پاك كېلىپ ناپاك كېتىمىز،
ھاياتقا بىرئۈنچە تىزماي كېتىمىز.
يېشەلمەي بۇھايات مەناسىنى،
غەپلەت ئۇيقىدا پەريات چىكىمىز.
گاھىدايامانغا يانتاياق بولىمىز،
ئانچىكى نەپكە ۋىجدان ساتىمىز.
ۋاپاسىز يارنى دەپ يۈرەكلەرپارە،
ياخشىلارقەدىرىگە يەتمەي كېتىمىز .
دۇنيانىڭ سىرى كۆپ ھېكمەتلەرتولا،
ياخشى ۋە يامان دەپ قىسمەتلەر بولا.
چۈشەنمەي بۇھايات سىرىنى ئاخىر،
كۆزلەردە لىپلىق ياش ئازاپلار تولا .
كەتكۈزۈپ ھاياتنىڭ ئالتۇن پەيتىنى،
بۇدۇنيا نىممىتىگە قانماي كېتىمىز.
تەقدىرنىڭ رەھىمسىز سىنىقى كۆپتۇر،
نىشانسىز دۇنيادىن ئۆلۈپ كېتىمىز .
غولامجان ئەمەت
164 قېتىم كۆرۈلدى | غولامجان ئەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-2 16:17:42 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|