كىتاب ئەمەس يۈرۈكۈم
بىلىقىز ئەمەت
كىتاب ئەمەس يۈرۈكۈم ئوقۇيدىغانغا،
چۈشەنسەم دەپ بولمىغىن سەن ئاۋارە.
يۇشۇرمۇدۇم سىرلىرىمنى سېنىڭدىن،
ئويناپ - كۈلگىن يۈرۈكۈمدە ئازادە.
ھەيران قالما كۆزلۈرۈمدە ياش كۆرسەڭ،
بەخىت يېشىم،كۈلۈپ يۈرگىن مېنىڭدەك.
تەشۋىشلەردە يۈرمە ھىرگىز ئۆتۈنەي،
يوقتۇر باشقا قەدىردانىم سېنىڭدەك.
خوشاللىقىڭ ئالەم بىلەن تەڭ ماڭا،
باقما ھەرگىز ھەسرەت بىلەن كۆزۈمگە.
كۈلگىنىڭنى كۆرەلىسەم بەختىم شۇ،
ئىشەنگىن سەن يۈرەكتىكى سۆزۈمگە.
باھارىمسەن گۇمانىڭنى قايرىۋەت،
مىھرىڭ بىلەن كۆزلۈرۈمگە قاراپ باق.
غەپلەت بىلەن يۇغۇرمىغىن سۆزۈمنى،
خىيالىڭدىن مېنى قايتا سوراپ باق .
2015-يىل باي چوڭكۆۋرۈك
228 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-18 0:06:41 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-19 22:55:17 | بىلىقىز ئەمەت پاك |
مېنىڭ يازغان شېئىرلىرىم سىزنىڭ بولۇپ قالدىما توۋا |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|