سېنى ئىزلەيمەن

سېنى ئىزلەيمەن
*
  ئۆز ئىجادىيەت    《توقسۇ》
*
سەن ھايات يۈرەمسەن، ئۆلدۈڭمۇ ياكى؟
ياشايسەن قەيەردە؟ بۇنى بىلمەيمەن.
كۈنۇ تۈن ھىجرىڭدە خازاندۇر دىلىم،
بۇ چەكسىز زېمىندىن سېنى ئىزلەيمەن.
*
يۈرەكتە سەن ئۈچۈن نالىلەر باردۇر،
تۈنلەردە كۆزلىرىم ئۆكسۈيدۇ ھامان.
كۈيلىرىم لاۋۇلداپ قىزىل گۈلخاندەك،
ئەلەملىك ھالىمنى ئەيلەيدۇ بايان.
*
دەسلەپتە دىل بېرىپ، ئۇنۇتتۇڭ كېيىن،
سەن مېنى ئازابتا ئۆرتىگەن ئادەم.
چېھرىڭنى سېغىنىپ يۈرمەسمەن ئەمدى،
كېتەرسەن بىر كۈنى خىيالىمدىن ھەم. 


   2015 يىل 5 ئاينىڭ 31  كۇنى 
ئاپتۇرى   تۇقسۇ ناھىسدىن رۇقىيە





233 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-31 0:27:51  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ