ئانامكەن ئەسلىدە،بىلمەپتىكەنمەن
ئوسمان ئابدۇللا (نازۇك)
تۇغۇلۇپ پانېيغا،تۇنجى كۆرگنىم،
ئانامكەن ئەسلىدە،بىلمەپتكەنمەن.
پەرزەنتىم،ئۆيۆم دەپ مۈكچەيگندە،
ئارام ئال ئانىجان،دىمەپتىكەنمەن.
تىنماستىن كىريۇيۇپ،ئاش ئىتىپ،
كىر كيىم ئۇچسىدا،ئۆزى ئاچ يتىپ.
ئۆي،بالا،ھەممنىڭ دەردىگە يىتىپ،
ئوت بولوپ كۆيەتتى،سۈيىدە ئىقىپ.
كىملەر تۇغۇلۇپ،كىملەر كەتكەندۇ،
تىنىغىڭ توختىغان شۇ دەمدە يانا.
بۇرۇنىراق بلسەمچۇ شۇ جۇدالىقنى،
ھاپاشىلاپ باراتتىم ھەرەمگە ئانا.
خەيرىيەت،ھەممسى كچىكتى ئەمدى،
سەنسز ھەر كۈنىمىز ئايسز،قوياشسز.
جەننەت كۆر كەينڭدە قالمسۇن كۆزۆڭ،
كۆكلەيدۇ سەن كۆچەت تككەن شۇ ئتېز.
«ئانىنىڭ بىر تىمىم سۈتى ھەققىگە،
يەتتە رەت ئاپارماق ھاجەت مەككىگە».
دەپتىكەن دانالار ئەزەلدىن-ئەزەل،
باغىرىم قان ئانامنىڭ يەتمەي قەدرىگە.
(ئەلۋىدا ئانا!!!)ديىشكە بارامدۇ تىلىم؟
لىۋىمدە مۇز بولوپ قاتتى چىن سۆزۈم.
بىلىمەن ھاجەتسىز ساڭا تەسەللى...
قان-ياشقا لىق تولدى ئۈمۈدلۈك كۆزۈم.
2017-يىلى 4-ئىيۇن(قارىتاغىز)
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
110 قېتىم كۆرۈلدى | ئوسمان ئابدۇللا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-4 23:05:52 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|