كېتەر بولدۇم ،
شېئېر
كېتەر بولدۇم كۆڭۈل خانەڭدىن ،
بەكمۇ سوغۇق مۇزلىدى باغرىم ،
كۈتكەن ئىدىم ئىللىق بىر مېھېر ،
قۇياش كەبى كۈلمىدىڭ يايرىم ،
كېتەر بولدۇم كۆڭۈل خانەڭدىن ،
ئەمدى سايرىماس بۇلبۇل بېغىڭدا ،
كۈيىنى سېغىنىپ قالىسەن بىركۈن ،
ئازابتىن ياشلىرىڭ ئاققان چېغىڭدا ،
كېتەر بولدۇم كۆڭۈل خانەڭدىن ،
ساڭا بەرگەن سۆيگۈمنى ئېلىپ ،
يۈرۈكۈمدىن ئاقار زەرداپ قان ،
چىن ئەقىدەم خارلىقتا قېلىپ ،
كېتەر بولدۇم كۆڭۈل خانەڭدىن ،
ئارزۇيۇڭغا يەتكىن ئەي جانان ،
سېغىنسام سىنى قارايمەن ئايغا ،
بەخىت تىلىگەچ ساڭا ھەر زامان ،
ئاپتۇرى ـ ☜ مۇھەببەت كۈيچىسى ،
ئاقسۇ شەھەر قارتال بازىرىدىن ،
مۇھەممەتجان سامساق ،
2017-4-25
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
117 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەتجان سامساق | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-23 23:14:16 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|