خۇش كەلدۇق
ئابدۇخالىق ئەھەت تەقدىر
خۇشۋاق بولۇڭ خۇش كەلدۇق ،
يېڭى كۈنگە خۇش كەلدۇق .
نىشان بىرلە ياسىدىن ،
ئوق ئۈزۈشكە بىزكەلدۇق
ۋاقىت ئۆتسە ئۇ شۇنداق،
سەھەر تۇرۇپ مۇشۇنداق.
ئىز قالدۇرۇپ ھەر تاڭغا،
ۋاقىتتىنمۇ تىزكەلدۇق.
كەتسە بۇ كۈن تىزىلىپ،
سان بىلەنلا يېزىلىپ.
شۇنداق يۈرەك ئېزىلىپ،
تاڭ سەھەرگە خۇش كەلدۇق.
تىرىكتاپقا جاھان تار،
قاچان ياغقان كۈزدە قار؟
ھەركىمگە بىر رىسىق بار،
تاڭ سەھەرگە خۇش كەلدۇق.
ياراتقۇچى ھىممەتتىن،
مۆھلەت بىرىپ ئىززەتتىن.
تېخى بەرگەچ نېئمەتتىن،
تاڭ سەھەرگە خۇش كەلدۇق.
ئەتراپ مەسىتخۇش سېزىلىپ،
گۈل-گىياھتىن بېزىلىپ.
ئىلھام دىلدىن قېزىلىپ،
تاڭ سەھەرگە خۇش كەلدۇق.
2017.5.7
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
24 قېتىم كۆرۈلدى | takdir1 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-4 8:54:47 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|