قەلبىمدىكى قىز
ئايدەك يۈزىدىن تۆكۈلەر مېھىر،
بۇلاق كۆزىدىن ئالەمچە سېھىر.
بىغۇبار شۇنچىلىك، يۇقمىغان كىبىر،
يوقتۇر تەڭدىشى ئۇ ئالەمدە بىر.
گۇياكى سۈت كەبى ئاق ئۇنىڭ قەلبى،
كەڭلىكتە دېڭىزدىن نەچچە كەڭ بەلكى،
كۆيۈملۈك، سۈيۈملۈ دوستقا، يارىغا،
ياۋلارغا ئوت-گۈلخان غەزىپى قەھرى.
كۆيدۈرسەڭ ئاللاھىم شۇنداققا كۆيدۈر،
ئۆلتۈرسەڭ شۇنداق قىز باغرىدا ئۆلتۈر.
ھايات ئۇ تاتلىققۇ ھەممە جانلىققا-
تەسەددۇق شۇ قىزغا بولسا مىڭ ئۆمۈر.
224 قېتىم كۆرۈلدى | لوخمان ياسىن (ناسىھ) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-31 0:13:05 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|