كەتكەندە
قىيانى
تۇرۇپ قالدىم قاراپلا سىزنى بۈگۈن كۆرگەندە ،
دىيەلمىدىم سىزنى كۆرۈپ، بىر ئېغىز گەپ كەلگەندە،
يۈرەك بولدى چۇل-چۇلا، سىز بىر قاراپ كۈلگەندە ،
قاراپ قالدىم ھاڭۋېقىپ ،ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
ئىككى يۈز تۆت كۈن بولغان، ئۆتۈپ كەتتى كۈلگەندە ،
ھەجەپ ئۇزۇن ئۆتكەن ئېدى ،ئۇيقۇ ئازتى تۈنلەردە ،
ھېچنىمىنى ئاڭلىمايتتىم سىزنى ھەر ئەسلىگەندە،
قاراپ قالدىم يۈرەك دەز، ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
ئەمدى قاچان كۆرەرمەن دەپ ئىزلەپ سىزنى ھەريەردە،
يۈرەرمەن كوچايۇ-كوچا سەرسان بولۇپ شەھەردە،
سىزنى ئىزلەپ تاپارمەن دەپ قەسەم قىلدىم سەھەردە،
قاراپ قالدىم ئارقىڭىزدىن ،ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
تەڭ قىلماستىم ھېچكىمنى،قاچان بارسام قەيەرگە ،
ناخشا ئېيتسام قاتاتتىم بىرىنچى بوپ رېتىمگە،
سىڭىپ كەتكەن ئىدىڭىز ،يۈرەككە ،قات-قېتىمگە،
قاراپ قالدىم دەت تولۇپ، ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
بارغان بىر چاغلىرىمدا كوچا چىڭداپ ئۆتكەندە،
تاپالمىغاچ سىزنى مەن ،يانغان ئېدىم ھەسرەتتە،
ئويلىماپمىدىم بىلمەيمەن بۇنداق كۈنگە قېلىشتە،
ئىچىمدىن قاينىدى بىر ئوت، ئۆيىڭىزگە كەتكەندە .
ئاۋازىڭىزدىن تىترەيتتى دىل سىز سۆز قىلغىنىڭىزدە،
سىز بولمىغاچ قالدىم مەن ،ئېغىر پىراق ئەلەمدە،
ئاچچىق يۇتۇپ بولۇپ قالدىم سانجىغاندەك بوپ يىڭنە،
دەرت پىراقىم ئۆرلىدى ،ئۆيىڭىزگە كەتكەندە .
مەن قەيەردە بولاي بولماي، چىقمايسىز بار ئېسىمدە،
بەلكىم ئەمدى ئۆتەرمەن سىزنى دەپ بۇ دۇنيادە،
ۋاز كەچمەيمەن ھەرگىزمۇ ،مەندە بەك چىڭ ئىرادە،
ئېغىر قەدەم ئالدىم مەن ،ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
ئەمدى قىلىپ قالارمەن شېرىن خىيال ئارزۇلە،
بولۇپ مەن خوخا تىكەن ،سىز قىپقىزىل بىر لالە،
شۇنچە قىلسام ئەمدى خىيال، بولۇر ھەممە بىكاچە،
ئىچ ئىچىمدىن تارتىشتىم ،ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
توزۇپ كەتتى بىر گۈلۈم ،پەرۋىش قىلىپ تۇتماستە،
ئەمدى ماڭا ھېچ ئارام يوق قالدىم قاغجىر قاقاستە،
داق بىلىنەر ئەمدى گەرچە ياتسام مىڭ قات گىلەمدە،
كۆزلىرىمگە ياش تولدى ،ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
باشلىۋالسام ئەسلەشنى ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ،
ھېچ چىقمايسىز ئېسىمدىن بەزى ئايان بوپ چۈشتە،
قايغۇرساممۇ نە ئامال، ئارمان يوقتۇر دەرمانگە،
پەقەت چىدىيالمىدىم، ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
كېتىپ ئەجەپ قىلدىڭىز ،قارىماستىن بىزلەرگە،
قېلىپ قالغان بولسىڭىز ،تۇتار ئېدىم گۈلدەستە،
كونىلار ئىيتقان ھىجران كەلگەن ئىكەن ئەسلىدە،
پۈتۈن جان تىترەپ كەتتى،ئۆيىڭىزگە كەتكەندە .
ئەمدى ھەر كۈن مەن ئۈچۈن ئۆتەر قالغاندەك دەشىتتە،
كۆڭۈل بولدى مىڭ پارە،يۈرەكىم تولدى غەشكە،
كۆزۈمنى توختاتتىم ياشتىن ،شۇ چاغ ئەجەپ بەك تەستە ،
كۆڭۈل ئىكرانىم سۇندى، ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
سىز يوق ئەمدى ئۈمىد يوق،بولمىغاچ سىز قېشىمدە،
جاندىن ئۆتتى رېئاللىق ،ئوت ياندى ئىچ تېشىمدە،
سىزگە كۆڭلۈمني بەرگەن ،كەتمەس قالار ئېسىمدە ،
مۇمكىن ئەمەس ۋاز كېچىش ،جان بولسىلا تېنىمدە،
ئەگەر كۆرۈش نىسىپ بولسا كۆتۈرەتتىم بېشىمدە،
قالدى پەقەت ئەسلىمە يازغان مۇشۇ خېتىمدە،
چىدىيالماي يېغلىدىم ،بولسىدى دەپ قېشىمدە،
ئىسمىڭىزنى ياد ئېتەرمەن قىلغان ھەر بىر ئىشىمدە.
سىزنى دەپلا سوقتى بەلكىم بۇ يۈرەك ھەر قىتىمدە،
ئامال بولمىسا بۇ دۇنيادا ئەگەر سىزنى كۆرۈشكە،
كۆرۈشەرمىز ھامان بىر كۈن ئۇدۇنيادا ئۆلگەندە ،
مۇھەببەتمۇ كۆز يۇمدى،ئۆيىڭىزگە كەتكەندە.
33 قېتىم كۆرۈلدى |
قىيانى |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-5-30 0:50:34 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ