يارىمدىن خەۋەر كەلسە
قىش كىتىپ باھار كەلسە،
قۇشلىرى سەھەر كەلسە.
تۈندە ئوخلىيالمايمەن،
يارىمدىن خەۋەر كەلسە.
بۇلبۇل بالسى بولسا،
تالنىڭ شىخىغا قونسا.
بۇ دونيادا سۆيگەن يار،
ئۇ دۇنيادىمۇ بولسا،
تاغنىڭ تېرىكى دەڭلار،
يوقتۇر كېرىكى دەڭلار،
بىزنى مۇزدا ياتقۇزغان،
يارنىڭ كۆيۈكى دەڭلار،
ئىشىك ئالدى چوڭقۇر يار،
چۈشەي دىسەم يولى تار،
جاي ئالدى يۈرەكلەردىن،
سېغىنغاندا كەلگەن يار،
ئاسماندىكى ئاي يارىم،
ئالەمدىكى باي يارىم،
ئۇنتۇلمايدۇ سەن بىلەن،
بۇلتۇر ئىچكەن چاي يارىم،
ئاپتورى:يۈسۈپجان
177 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-30 16:01:08 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|