ئەر ئەمەس
گۈل يازمىسى
ئوغۇل بولۇپ تۇغۇلۇپ،
ياشىسىلا ئەر ئەمەس.
خوتۇن ئېلىپ تۆشەككە ،
باشلىسىلا ئەر ئەمەس.
تېپىپ قويۇپ بالىنى،
باقالمىغان ئەر ئەمەس.
ئەل قاتارى قاتارغا،
قاتالمىغان ئەر ئەمەس.
بىر ئائىلە يۈكىنى ،
ئارتالمىغان ئەر ئەمەس.
بىر باش پىياز ئاچىقىپ ،
ساتالمىغان ئەر ئەمەس.
يۈك تارتقۇزۇپ ئاتىنى،
چەتتە تۇرغان ئەر ئەمەس.
كۆز ياشلىتىپ ئانىنى،
غەمدە قويغان ئەر ئەمەس.
كۆڭۈل ئىزدەپ سىرتلاردىن،
ئۆينى بۇزغان ئەر ئەمەس.
يىتىم قىلىپ بالىنى،
چۆلدە قويغان ئەر ئەمەس.
رومكا قىرلاپ، ئىس تاتىپ،
يۈرەلىسىلا ئەر ئەمەس.
ۋىجدان سېتىپ ئىشرەتتە،
كۈلەلىسىلا ئەر ئەمەس.
پەرزەنتىگە ئۆرنەك بوپ،
ماڭالمىسا ئەر ئەمەس.
بىلىم ھۈنەر كانىنى،
قازالمىسا ئەر ئەمەس.
ئەر بولسىلا ئەر ئەمەس،
ئەردەك ياشاش بەكمۇ تەس.
قەددىڭ مەغرور ئەركەكلەر،
سۇنۇلمىسۇن بولدى بەس.
2015-8-25
134 قېتىم كۆرۈلدى | GULAY | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-6 8:17:39 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|