ئۆزۈڭنى بېسىۋال
يازغۇچىلار تورىدىن aski18 يازمىسى
ياراتمىدى ھېچ كىشى سېنى ،
ئەي يۈرەك ئورنۇڭنى توغرا تېپۋال .
ماس كەلگۈدەك چىققۇچە بېرى ،
ئەي يۈرىكىم ئۆزۈڭنى بېسىۋال.
پۈتۈنلەي ئاتايسەن ئۆزۈڭنى ئاڭا ،
قىلغىنىڭ توغرىمۇ ئۆزۈڭ بىلىۋال .
قاچانمۇ خۇشاللىق بولاركىن ساڭا ،
بىچارە يۈرىكىم ئۆزۈڭنى بېسىۋال .
ئالدىراپ كەتمىگىن كىلىدۇ بەختىڭ ،
بەختنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ تەختىڭ .
مەڭگۈ دەپ چىقىدۇ بىر كۈن ھەمرايىڭ ،
ئاڭغىچە يۈرىكىم ئۆزۈڭنى بېسىۋال .
ئۆتمۈشنى ئويلىما ھازىرغا كۈچە ،
چىداپ تۇر يۈرىكىم كۈچۈڭ يەتكۇچە .
ئاللاھىم بەرگەننى ئىزدەپ تاپقۇچە ،
كەچۈرگىن يۈرىكىم ئۆزۈڭنى بېسىۋال .
ئۆزۈڭنى ئويلاپ قوي بىچارە يۈرەك ،
ئۆزۈڭنىڭ باغرىغا ئۆزۈڭ قېنىۋال .
يالغانچى يۈرەكلەر ئەمەستۇر كېرەك ،
ھازىرچە يۈرىكىم ئۆزۈڭنى بېسىۋال .
127 قېتىم كۆرۈلدى | aski18 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-1 8:17:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|