ئۇياتچان بالا
ئەجەپ كۈنلەر كەلدى باشىمغا،
سىنى دائىم ئويلايمەن.
ماڭغان ئاشۇ كۇچاڭدىن،
ئىزلىرىڭنى بويلايمەن.
نىمە خىيال بۇ ئۆزى ،
بىلمەيمەن يا ئۆزۈممۇ.
قاراپ قويساڭ قايرىلىپ،
قىزىرىپ كىتەر يۈزۈممۇ .
سىنى كۆرسەم يۈرۈكۈم،
ئەنسىز سۇقار بۇلدۇقلاپ.
يۈرەكتىكى سۈزۈمنى ،
ئېيتالمايمەن دۇدۇقلاپ.
ئۆز ئۆزۈمگە كايىيمەن،
نىمە بۇنچە قىينىلىش ؟
يا ئۆچمەيدۇ سۇسلىمايدۇ،
ساڭا بولغان ئىنتىلىش.
پىراقىڭدا قىينىلىپ ،
كاچاتلايمەن يۈزۈمنى .
بەلكىم بىلىپ بۇلغانسەن،
ئېيتالمىغان سۈزۈمنى.
سەنمۇ سۆيگۈ ئىزھارىنى،
سېغىنغانسەن خىلۋەتتە.
ئەمما ماڭا بۇ سۆزنى ،
ئېيتالمايسەن ئەلۋەتتە.
قاچانغىچە قىينارمەن ،
ئۆزۈمنىمۇ سىنىمۇ .
مۇشۇ قورققاق ئېغزىمنى،
ئاچارلاركىن نىمىمۇ.
ئۈمۈتۋار 961623935
118 قېتىم كۆرۈلدى | مىھرى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-11 20:17:06 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|