قايتا تىرىلدىم
قۇرىمىدى ياشلىقىمنىڭ تامچىسى ،
ئۇڭشالمىدىم قىرىق ياشقا كىرپمۇ .
بۇدۇنيادىن كىتىپ قالدى قانچىسى،
بىلەلمىدىم ئۈلۈكمۇ مەن تىرىكمۇ.
كىچە كۈندۈز كىرمەي ئۆيگە كەپىگە،
تىپىۋالدۇق دىسكوخانا ساراي دەپ.
رەڭلىك سورۇن تۈزۋالدۇق ئەتىگە،
يۈردۇق زادى نېمە ئىچىپ نىمە يەپ.
خۇتۇن بالا قالدى ئۆيدە ئەنسرەپ،
ئوينايمىز بىز توي قىلمىغان يىگىتتەك.
كىچىك قىزىم ماڭغان ئەمدى تەمتىلەپ،
بىلەلمىدىم كىمگە ھازىر كىم كىرەك.
ھاراق شاراپ ئۈزۈلمىگىن سورۇندىن،
شادىمانى ئىيتىپ ماڭدۇق كۇچىدا.
شاشتۇق ياشتۇق بۇرۇن دىسە بۇرۇندىن،
دەسسەپ مىڭىپ پۇتىمىزنىڭ ئۇچىدا.
بىر كۈن قىززىق تاڭسا ئۇيناي دەپ قىلىپ،
تارتىپتىمەن تۇنىماستىن قىزىمنى .
دادا دىدى شەرەت قىلىپ قۇلقۇمغا ،
يىغلاپ سالدىم تۇتالماستىن ئۈزۈمنى.
تىرىلدىممەن شۇندىن كىيىن قايتىدىن ،
توۋا قىلدىم تۇرمۇشۇمنى باشلاشقا .
تاقاشقاندا ئوغول قىزىم ئىڭەككە ،
بىرىلمەي دەپ ئۇيۇنغا مەن شاراپقا .
مەندىن ئىبرەت ئەي نادانلار دادىلار،
ئەيشى ئىشرەت سورۇنىغا بارماڭلار.
داغدا قۇيۇپ خۇتۇننى ھەم بالىنى،
بىر ئۆمۈرلۈك پۇشايماندا قالماڭلار .
يازغۇچىلار تورىدىن رەھمەت ئىسىملىك تورداش يازمىسى
254 قېتىم كۆرۈلدى | rahmat | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-6 21:42:21 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-2-14 20:39:09 | MAWLAN |
NAHAYTI YAHXI YIZLPTU |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|