كەۋسەر
تاڭ سەھەر نۇر چاچقان قۇياش بىلەن تەڭ،
نۇر چاچتىڭ زىمىنغا گۈل ھۆسنۈڭ بىلەن.
چاڭقىغان قەلىبكە تېمىتىپ زەمزەم،
سۇغۇردۇڭ دىللارنى يۈرىكىڭ بىلەن.
چىن دوستۇڭ قەلىمىڭ ھەمرا ھەر كۈنى،
سەن بىلەن سۆزلەيدۇ مىسرالىرىڭنى.
دەپتەرلەر دۆۋىسى تەلمۈرۈپ ساڭا،
كۈتىدۇ شۇ ئەزىز ئىمزالىرىڭنى.
كۆزلىرىڭ تىكىلگەن دەپتەرلىرىڭگە،
تۈن كىچە ئۇيقۇدا ھەتتا تەبىئەت.
ئۇيقۇنى ئۇنتۇغان ئىنسانسەن شۇنداق،
مۈكچەيگەن قەددىڭدىن ئايمۇ خىجالەت.
سۆيىدۇ ھەر ئىنسان ئۆز بالىسىنى،
سىنىڭدەك سۆيەلمەس ھەربىر سەبىينى.
كۆيىدۇ مەشئەلمۇ يالقۇنجاپ شۇنداق،
سېنىڭدەك كۆيەلمەس ئېرىتىپ دىلنى.
مۇنبەرگە چىققاندا ئۇنتۇيسەن ھەتتا،
ئاتاڭنى ئاناڭنى يۈرەك پارەڭنى.
ئامانەت سەن ئۈچۈن قىممەتلىك شۇنچە،
دانكۇدەك يارىسەن يۈرەكلىرىڭنى......
2015.9.9.
غۇلجا شەھەر 5-باشلانغۇچ
بارلىق مىھنەتكەش كەسىپداشلىرىمغا بىغىشلايمەن!!!
166 قېتىم كۆرۈلدى | كەۋسە ر | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-10 0:05:53 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|