سىنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ھامان
ئابدۇرازاق شەمئى
ھەمرا بولدى كۆكتە تولۇن ئاي،
نىگار سەنسىز قالدىم بۇ كېچە.
چۈشلىرىمگە بەرمەيسەن ئارام،
پىراقىڭدا قېيناپ تاڭغىچە.
مەن لېۋىگە سۆيگەن كېچىنىڭ،
ئىزنالىرى قالدى لېۋىمدە.
قىيناقلارغا سالدى سېغىنىش،
سەن بىلەتتىڭ بۇنى ئەلۋەتتە.
ئۇچۇپ يۇردۇم خىياللار بىلەن،
دۇلقۇنلارغا شۇڭغۇدۇم ناگان.
بولساممۇ گەر« ئۆلۇم»نىڭ قۇلى،
سىنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ھامان.
2017.6.23
تەھرىر:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر :ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
126 قېتىم كۆرۈلدى | abdurazak | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-24 18:57:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|