پۇلدۇرسەن ئاجايىپ رەڭلىك قەغەز
پۇلدۇر سەن زوراۋاننى ھۆركىرەتكەن ، ياۋاشلارنى قاقشاتقان ،
پۇلدارلارنى كۈلدۈرگەن، نامراتلارنى يىغلاتقان .
ئىنسان ئەقلىنى مەس قىلىپ ۋەسۋەسىگە سالدۇرغان
تۈز يوللاردا ئازدۇرۇپ يەر چىشلىتىپ قۇل قىلغان .
پۇلدۇرسەن ئاجايىپ رەڭلىك قەغەز .
پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ ،
پۇلى كۆپ شۇ بەندىنىڭ ھەممە جايدا گېپى ئوڭ .
پۇلى بارنىڭ يۈزى يۇرۇق پۇلى يوقنىڭ يۈزى چورۇق
پۇلى كۆپ شۇ بەندىنىڭ ھەممە يەردە يولى ئوچۇق .
پۇلدۇر سەن ئاجايىپ رەڭلىك قەغەز .
تۇرمۇش پۇلسىزمۇ داۋام قىلالماس ھەرگىز ،
پۇل بولمىسا قۇرۇق گەپكە قورساقمۇ تويماس .
لېكىن چىن كۈلكە ،چىن يىغا ،چىن مۇھەببەتنى ،
پۇل خەجلەپ سېتىۋالالمىغان دۇنيادا ئىنسان ھەرگىز .
پۇلدۇرسەن ئاجايىپ رەڭلىك قەغەز .
ئىشلەپ تەر ئاققۇزۇپ تاپ شۇ پۇلنى ھالالدىن ،
بۇلغاپ يۈرمە روھىڭنى ،جىسمىڭنى ھارامدىن .
ئاددىي ياشىساڭمۇ ياشا دۇنيادا ئادەمدەك ،
بايلىقلىرىڭ قالىدۇ سەن كېتىسەن دۇنيادىن .
پۇلدۇرسەن ئاجايىپ رەڭلىك قەغەز .
رامىلە ئەركىن ئىزدەن
ئۈندىدار :manhayat1
137 قېتىم كۆرۈلدى | رامىلە ئەركىن ئىزدەن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-22 23:53:58 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|