شاڭكو كەيگەن مودا قىزلارغا
مۇدا قوغلاپ تۇۋا دەي، كىيىۋاپتۇ شاڭكۇنى،
شاڭكۇ ئەسلى خەنزۇچە،ئۇيغۇرچىدا ئىچ كىيمى.
مۇدا دىسە كىيەمدۇ، ئىچىدىكى جىمىنى،
بۇ مۇدىكەش يۆتكىدى قايسى ئەلنىڭ گىنىنى.
ئۇيغۇر زاتى قەدىمدىن ئىچ كىيىمدا يۈرمىگەن،
مۇنداق مۇدا ئىقىمنى ئاتا بۇۋام كۆرمىگەن.
مۇدا قۇغلاش ئەماچە بىزگە شۇنداق خۇيمىكەن،
بۇ جاھاندا كۆرەركەن كۆرمىگەننى ئۆلمىگەن.
ساراڭ دەيتۇق كۇچىدا ئىچ كىيمدا ماڭغاننى،
ئەمدى نۇرمال ھادىسە قاپلىغاندەك جاھاننى.
سىڭىپ قالدى ھەتتەڭەي تىللاپ باقتۇق زاماننى،
ئەمما ئادەم يارىتار ياخشى بىلەن ياماننى.
ئىچ كىيمدا قانداقمۇ يۇشۇرغۇلۇق بەدەننى،
بۇ گۈزەللىك باسقۇزار بىزگە قايسى قەدەمنى.
ئانا زىمىن يۇشۇرار باھاسىدا مەدەننى،
تاش تاشلاندۇق ئەجەبا، قەدىرلەيمىز گۆھەرنى.
كىيىم كىيدىڭ كىيمسز بۇ قانداقمۇ مەدىنىيەت،
كىيۋالساڭ شاڭكۇنى ئۆزگەرمەمدۇ تەبىيئەت.
ئۆز كىيمىنى كىيىدۇ پەخىرلىنىپ ھەر مىللەت،
ئۆزلۈكۈڭدە ھايادۇر ئۆزلۈكۈڭدە مۇھەببەت.
«تەنناز »دىدى بىرەيلەن تەقەززاسى دەۋىرنىڭ،
تەننى ناز قىپ قانداقچە ،رۇلى بۇلار ئانىنىڭ.
تەندە دىگەن گۈزەللىك، سۆزى ئەقلى چالىنىڭ،
گۈللە سىڭلىم رۇھىڭدا ،شۇدۇر سىنىڭ زامىنىڭ.
يازغۇچىلار كۇلۇبىدىن: شەمشىدىن« غىرىپ»
1592 قېتىم كۆرۈلدى | ئەسەر يوللىغۇچى : | ||
2015-7-30 16:03:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-6 1:55:23 | رىشتە |
بەك ياخشى يىزىپ سىز. |
2016-1-25 0:43:10 | samat |
yahxiyeziptu ohanohan bala |
2016-1-24 16:22:08 | جامال |
ياخشى يېزىپتۇ |
2016-1-20 5:45:35 | Skidoo |
Bakyahxibobptu |
2016-1-18 19:27:46 | مېھمان |
👍👍👍👍👍👍👍💐💐💐 |
2015-10-4 22:21:49 | پەرىشتە |
ھەقىقەتەن يۈرەكنىڭ تارىسىنى چەككۈدەك ئەسەرلەركەن مەن بەك ياقتوردوم ئاپىرىن سىلەرگە، |
2015-9-5 23:30:08 | xarwan. |
omdan.yizliptu。 |
2015-9-5 21:13:40 | ئايدىل |
مەنىسى چۇڭقۇركەن |
2015-9-5 21:12:41 | ئايدىل |
مەنىسى چۇڭقۇركەنكەن |
2015-8-28 1:16:30 | ALI |
YAHXIKAN |
2015-8-27 5:15:59 | ubuljan |
yahxi boptu |
2015-8-21 21:49:06 | تۇرسۇن چەرچەن |
ناھايتى ياخشى بۇپتۇ |
2015-8-21 21:06:50 | arzu |
yahxi yezpcz |
2015-8-19 23:40:28 | پىنھان |
ناھايتى ياخشى يىزىپ تۇ |
2015-8-17 1:02:30 | گۈلجامال (مىسكىنى) |
ئەسەرنىڭ تەربىيۋى ئەھمىيتى بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، |
2015-8-15 10:49:09 | Izdinix |
ھەقىقەتەن ياخشى قامچىلاپسەن بۇ يامان قىلىقنى،مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ھېسىياتتا! |
2015-7-31 2:30:47 | مۇتەللىپ |
ناھايىتى ياخشى بۇپتۇ |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|